خوتەندىكى ئوقۇتقۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىدى

قوش تىل ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىنى بىكار قىلىپ دائىملىق تەربىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.07.21
qosh-til-oqughuchilar-305.jpg خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى يىغىن ئېچىپ، خوتەن مائارىپ دائىرىلىرىدىن، خوتەن مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئېنىقلاپ بېكىتىش ۋە قوش تىل ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئورتاق سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىنى بىكار قىلىپ دائىملىق تەربىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان.

خوتەن مائارىپ ئۇچۇر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى خوتەن ۋىلايىتىدە مائارىپ خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن مائارىپىغا قارىتا بېكىتكەن كېيىنكى 10 يىللىق خىزمەت نىشانى ھەققىدىكى ھۆججەت يەتكۈزۈلگەن. ھۆججەتتە كېيىنكى ئون يىل، يەنى 2020-يىلىغىچە بولغان دەۋر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپنى ۋە ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان ھالقىما تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ دەۋر ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا مائارىپ خىزمىتىنىڭ ۋە مائارىپچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مەۋلۇت مەنسۇر خوتەن ۋىلايىتى مائارىپ خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋىلايەتلىك پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ماسلىشىپ مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ۋەزىيەتنى ياخشى تونۇپ مەكتەپلەردىكى مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ۋە قوش تىل مائارىپ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە دائىر كونكرېت خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

شۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىستېمىلىق ۋە دائىملىق تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارغا دائىملىق تەربىيە سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان دەرسلەر: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، تۆتنى تونۇش، ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق، دۆلەتنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئىستراتېگىيىسى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتى ھەمدە ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل تەربىيىلەش ئارقىلىق، بولۇپمۇ نىشانلىق ھالدا قوش تىل ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشالايدىغان ۋەتەنپەرۋەر، ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەشتە سىياسىي ئىدىيىۋى ئاساس بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بىز مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا تېخنىكومىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەتىلگە چىقماي بۇ مەكتەپتە قايتا تەربىيىلەشكە قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى قايتا تەربىيىلەشكە مەسئۇل، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل رامزان ۋاقتى يازلىق تەتىلگە توغرا كەلگەچكە، بۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تەتىلدە قەرەللىك مەكتەپكە بېرىپ يوقلىما قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

خوتەن شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆزەتچىسى، گەرچە ھازىر تەتىل بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتە يوقلىما قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر ئوقۇغۇچىمۇ تەتىلگە قويۇپ بېرىلگىنى ئىككى-ئۈچ ھەپتە بولغانلىقى، ھەر ھەپتە مەكتەپكە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە، ئىلگىرى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك مائارىپ ئىلمىي ئاساسىغا ئىگە بولمىغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈشى ۋە مائارىپ ساھەسىنى سىياسىي بېسىم ئارقىلىق مۇقىم كونترول قىلىمەن دەپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.