كۈرەش ئاتاخان: يەكەندىكى ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، خىتاي خەلقىمۇ ساۋاق ئېلىشى كېرەك

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 24 ‏- فېۋرال كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاينى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ ئىككىسىنى يارىلاندۇرغانلىق ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.03.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-hujum-meydani-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى ۋەقەنى، نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىش بىلەن تەڭ، ۋەقەدىن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەم خىتاي خەلقىنىڭ دەرس ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تۆۋەندە سۆھبەتنىڭ قىسقىچە خاتىرىسى:

س: يەكەندىكى ۋەقەنىڭ خارەكتېرى ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىشىمىز مۇمكىن؟

ج: ۋەقە خىتاينىڭ 60 يىللىق مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنكاسى.

س: بىر ئاينىڭ ئالدىدا شېنجېن ۋە خېبېيدە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئۇ چاغدا ئۆلگۈچى ئۇيغۇر ئىدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارىسىدا بىر سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟

ج: يەكەندىكى ۋەقەنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان ئانىلار، ئاتىلار ئۆلگەن ۋە يوقالغان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ قەلبىدە قىساس ئوتى بار.

س: 5‏ - ئىيۇلدىن كېيىنكى ۋەقەلەردە پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتىدۇ؛ سىزچە بۇ قانداق ھادىسە ۋە قانداق ۋەزىيەتنىڭ ئىپادىسى؟

ج: دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ھەر ۋاقىت بىگۇناھ خەلقلەرنى ھەر خىل شەكىلدە قۇربان قىلىپ كەلدى. خىتاي خەلقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شامىلىغا دەسسەپ، ھەقسىزلىقلەرگە ۋاسىتە بولۇۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇت. خىتاي خەلقى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ھۆكۈمەت تەرەپتە ئەمەس، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرغان چېغىدا پۇقراغا خاس ئىش قىلغان بولىدۇ.

س: روس خەلقى ئىچىدە چېچەنلەرنى قوللايدىغان، ئىسرائىلىيە خەلقى ئىچىدە پەلەستىنلىكلەرنى قوللايدىغان ئاممىۋىي ھەرىكەتلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىنمۇ؟ خىتاي خەلقىدىن بۇنى كۆرۈش مۇمكىنمۇ؟

ج : بۇ خىتاي ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۈمكىنسىزدەك تۇرىدۇ.

س: جەمئىيەتتە مۇنداق بىر گەپ بار: "نۆۋەتتە خىتاي خەلقىمۇ ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس، ئۇلارمۇ زۇلۇم ئاستىدا شۇڭا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ گەپ قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ...." بۇ گەپكە قانداق قارايسىز؟

ج: بۇ پۈتۈنلەي خاتا گەپ. بۇ خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ خىتاي مىللىتىنى ئاقلاش باھانىسى. 5 ‏- ئىيۇلدىن كېيىن كۆردۇق، خىتاي خەلقى كوچىغا چىقىپ، ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرمىدى دەپ نامايىش قىلدى. بۇ نامايىشلار بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

س: ئەسلىدە توغرا ئىنكاس قانداق بولۇشى كېرەك ئىدى؟ يەنى شۇ كۈنى خىتاي خەلقى ئۈرۈمچىدە قانداق قىلىشى كېرەك ئىدى؟

ج: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېنچلىق شەكلىدىكى نامايىشنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغانلىقىنى، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەپ بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلىشى كېرەك ئىدى.

س: يەكەن ۋەقەسىدىن چىقىرىلىدىغان دەرس نېمە؟

ج: يەكەندىكى بۇ ۋەقە، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن پەقەت ئاشاكارىلانغىنى، يەنە ئاشكارىلانمىغان يەنە كۆپ ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەقەلەر يەنە يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق. ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرس چىقىرىپ، زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشى؛ خىتاي خەلقىمۇ ئىبرەت ئېلىپ، ھە دېسىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇدىغان چوماق ياكى غالچا بولماسلىقى كېرەك. ھەقنى سۆزلەشنى، ئادالەتنى تەرەپ تۇتۇشنى ئۈگۈنۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت