مەمەت توختى: ب د ت نىڭ بەلگىلىگەن يەرلىك مىللەتلەر ھەق-ھوقۇقى، ئاپتونومىيە قانۇنىدىن ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە

بۈگۈن يەنى 13-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقى» ھەققىدە قارارى ماقۇللانغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.09.13
memet-tohti-yighinda-305.jpg بريۇسسېلدا چاقىرىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىغا دۇق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى قاتناشتى. 2011-يىلى 16-18-سېنتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر قارار، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 143 دۆلەتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ماقۇللانغان. مەزكۇر مۇھىم خەلقئارالىق قانۇننىڭ 113-ماددىسىدا «دۆلەت چوقۇم بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن بۇ سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەريانلارنى چۈشىنىشىگە ۋە چۈشەنگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا تەرجىمان ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ھەققىدە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت» دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق بىر يەرلىك مىللەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنماي ۋە تونۇشتۇرۇلماي كەلدى. يېقىندا مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق تەييارلانغان ئىدى.

مەزكۇر خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ماقۇللانغانلىق خاتىرە كۈنىدە مۇخبىرىمىزنىڭ مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلار بىلەن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ب د ت دە قوبۇل قىلىنغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى نېگىزلىك پەرقلەر ھەققىدە داۋام ئېتىدۇ.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئىنگلىزچىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

ب د ت توربېتىدىكى خىتايچە نۇسخىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللىغانلىقىنى بىلىۋېلىشنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.