يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى ئېلان قىلىنغىنىغا 5 يىل بولدى

«يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى» ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 61/296 نومۇرلۇق قارار بىلەن، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 143 دۆلەتنىڭ ماقۇللىشى، 4 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ تەرەپسىز قېلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.09.11
Memet-Toxti-ependi-305 د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى.
Photo: RFA


مەزكۇر مۇھىم خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئۇيغۇر بىز» ۋە باشقا تور بەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. مەزكۇر خەلقارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ماقۇللانغانلىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر خەلقئارالىق ھۆججەتنى تەرجىمە قېلىشتىن كۈتۈلگەن مەقسەت ۋە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنى، مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېنىق قانۇنلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقلىرىمىزدىن باشقا يەنە، ب د ت دە قوبۇل قېلىنغان ۋە بىزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنى - ھۆججەتلەردە بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقلىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە خەلقىمىزگە مەلۇمات سۇنۇشتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.