ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم: زىيالىيلارنىڭ يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىمۇ بار
2013.01.14

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش ئۈچۈن زىيالىيلارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى قوۋمنىڭ ئىلىم ئادەملىرى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن زىيالىيلار سېپىدىكى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلار ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇمايدىغانلار ھەققىدە ئىسلام نېمە دەيدۇ؟
بىز بۇ ھەقتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم دىنىي ۋە پەننى زىيالىيلار سېپىدە ساقلىنىۋاتقان پاسسىپلىقلارنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ھۆكۈملىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، زىيالىيلارنىڭ بىر مىللەتتىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۈگۈنكى ھەر ساھە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، مەيلى ئىسلامىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى ئىنسانىي نۇقتىدىن بولسۇن ۋەتەن-خەلقىنىڭ غېمىنى يېيىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەستىقلىدى.
ئۇ، زىيالىيلار سېپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە سەل قاراتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، زىيالىيلارنىڭ مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك يوللىرىدا خىزمەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنى توغرا يولغا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىمنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ زىيالىيلار سېپىدىكى پاسسىپلىقنىڭ مىللەت روھىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئەسكەرتتى.
زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەققىدە توختاپ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا كۆپ ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەش لازىم.