4 ‏- قېتىملىق خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقتا

4 ‏- قېتىملىق خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەن يېتىم بالىلار بىر قانچە كۈندىن بىرى ئىستانبۇلنى سەيلە قىلىپ، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلارنى، مۇزىيلارنى زىيارەت قىلدى ۋە شەھەر باشلىقلىرىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-10-15
Share
Istanbul-sheher-bashlighi-Uyghur-yetim-balilar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 ‏- ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ 4 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎﺵ ﯞﺍﻟﯩﻴﻠﯩﻖ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Arslan

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكالىتەن 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىزى قاتناشتى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار گۇرۇپپىسى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيىلىقىنى زىيارەت قىلدى. ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ۋالىيلىق ئۇلارنى زالىدا قىزغىن قارشى ئالدى. زىيارەتكە يېتىم بالىلار بىلەن بىرگە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ۋە رەئىس ۋەكىلى ياۋۇز دەدە قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇئاۋىن ۋالىي مۇستافا ئالتۇنتاش ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن يېتىم بالىلار بىلەن ئايرىم ‏ - ئايرىم سۆھبەتلەشتى. بالىلارغا ھەر خىل ھەدىيە ‏ - سوۋغا قىلدى. مۇئاۋىن ۋالىي مۇستافا ئالتۇنتاش زىيارەت ئاخىرىدا يېتىم بالىلار بىلەن بىرگە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

10 - ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 19:30 دا ئىستانبۇلنىڭ سۈتلۈچە رايونىدىكى خالىچ قۇرۇلتاي يىغىن زالىدا باشلانماقچى بولغان 4 ‏ - قېتىملىق خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۈچۈن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركىيىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يېتىم بالىلارنى ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقلىرى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئىدارە ‏ - جەمئىيەت رەھبەرلىرى قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى.

بۇ ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە لىۋان، پەلەستىن، ئىراق، ئېفوپىيە، سۇدان، چىچەنىستان، شەرقىي تۈركىستان، پاكىستان، ماكېدونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن يېتىم بالىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

يېتىم بالىلارغا يەنە ئەسەنلەر شەھەر باشلىقى تەيفىك گۆكسۇ ئەپەندى ئەسەنلەر مەدەنىيەت مەركىزىدە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى ۋە ھەدىيە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىياسىي پارتىيە ۋە شەھەر باشلىقلىرى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ زىياپەت بەردى. بۇ ئەسنادا يېتىم بالىلار ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەسچىتى، مىنياتۈرك، 1453 - يىل پانوراما مۇزېيى ۋە فەسھانە قاتارلىق تارىخي ئورۇنلارنى ۋە مۇزىيلارنى زىيارەت قىلدى ۋە لوناپارك باغچىسىدا ئويۇن ئوينىدى. يېتىم بالىلار يەنە، بىر تەرەپتىن 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 4 ‏- قېتىملىق خەلقئارا يېتىم بالىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە نومۇر كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. پائالىيەتكە يەنە تۈركىيىدىن ئۆمەر قارا ئوغلۇ، ئامېرىكىدىن تايسۇن ئامىر ۋە باراكا بىلۇ، گېرمانىيەدىن ئاممار، لىۋاندىن فىركەت ئەلماجىد قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتچىلەر قاتنىشىپ ناخشا، مۇزىكا تەقدىم قىلىدىكەن.

بۇ پائالىيەتكە 10 مىڭ دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا

10 ‏- ئاينىڭ 15 - كۈنى يەنە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېتىم بالىلار بىلەن بىرگە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان دۆلەتلەردە يۈزلەرچە يېتىم بالىلارنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىرى ۋە ئىنسان تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بۇ يىتىم بالىلارنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەرلىك شارائىتلاردا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلەنت يىلدىرىم يەنە مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ مەقسىتىمىز، يۈز مىڭلارچە يېتىملارغا ئىگە بولۇش، شۇنىڭ ئۈچۈن يېتىملار ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلىش سىستىمى باشلىدۇق. يەنى ھەر بالىغا ئايلىق راسخوت چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. كاپالەت سېستىمى بىلەن داۋاملىق بېقىپ كېلىۋاتقان يېتىم بالىلارنىڭ سانى ھازىر 15 مىڭغا يەتتى."

بىز، بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۇ بالىلارنىڭ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە پروگرامما تەقدىم قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان رەنا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت