گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى
2011.12.28

27-دېكابىر كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىدا، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەس پ پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى خارري فان بوممېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ھەم خۇلاسىلىدى.
ئىلتىجا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئۇيغۇرلاردىن 40 نەپەر پاناھلانغۇچىنىڭ ئىشلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە تەييارلاپ كەلگەن ماتېرىياللارنى سۇندى.
خاررىي فان بوممېل ئەپەندى خىزمەتلەرگە ئىجابىي باھا بەرگەندىن كېيىن، يېڭى يىلدا قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان خىزمەتلەردىن ئۇچۇر بەردى ۋە يېقىندىن بىرى بولۇۋاتقان ئىلتىجا ئىشلىرىدىكى ھادىسىلەرگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئىشلار ئادەمگە خۇددى خىتايلار مەخسۇس ئادەم چىقىرىپ ئاندىن قايتۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك، شۇ ئارقىلىق پاناھلىق ئىشلىرى تارماقلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىشىنەلمەس قىلىۋېتىپ بارغاندەكلا تۇيۇلىدۇ» دېدى.
بۇ پائالىيەتكە يەنە تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى بەردى.
گوللاندىيە ئەس پ پارتىيىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا پارلامېنتتا 28 ئورۇننى ئىگىلەپ، گوللاندىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئىچىدە 2- قاتارغا ئۆتكەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سورىغانلىرىمىزدا، خارري فان بوممېل ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ئەس پ پارتىيىمىز پارلامېنتتا 28 ئورۇننى ئىگىلەپ 2-قاتارغا ئۆتتى. بۇ دېمەك، پارتىيىمىز يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە كۇردقا ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مىللەتلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا كۈچىيىشى دېمەكتۇر.»
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر بىرلىرى ھەيئەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.