2011-يىلى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.29
2011.12.29

RFA/Erkin Tarim
تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا 2011-يىلى قانداق ئۆتتى؟ ئۇلار 2012-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.