2011-يىلى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟

2011-يىلى ئاخىرلىشىپ 2012-يىلى كىرەي دەپ قالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، كېلىۋاتقان يىلدىن يېڭى ئۈمىدلەر كۈتۈلىدۇ.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا 2011-يىلى قانداق ئۆتتى؟ ئۇلار 2012-يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.