يىپەك يولى قايتىدىن تىجارەت مەركىزى بولالامدۇ
2012.12.07

بولۇپمۇ، تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى شۇنداقلا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش يەنى تۆمۈر يولى ۋە ئېنېرگىيە تۇربىلىرى ياساش ئارقىلىق بىر - بىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىش پىلانىنى تاماملاشقا تىرىشماقتا. بۇ ھەقتە ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا يىپەك يولى ئۈستىگە جايلاشقان 17 دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بىر يىغىن چاقىرىلدى. يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە تاموژنا ۋە تىجارەت مىنىستىرى ھاياتى يازىجى، بىر چاغلاردا دۇنيا تىجارىتىنىڭ يۈرەك بېغىشى بولغان تارىخىي يىپەك يولى لايىھىسى بىلەن بۇ رايوننىڭ قايتىدىن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇھىم لېنىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. يازىجى يەنە بۇ لايىھە ئىشقا ئېشىپ قالسا، يىپەك يولى كېسىپ ئۆتىدىغان 17 دۆلەتتىن چىقىدىغان ماللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ ياۋروپانىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىنغا 17 دۆلەت ۋەكىلى قاتناشتى
«تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ يىپەك يولى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا تەرەققىياتى ۋە قولايلىقىدىكى رولى» ناملىق بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 17 دۆلەت ۋە ئون خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن بولۇپ، جەمئىي 27 ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشتى. بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن تاموژنا ۋە تىجارەت مىنىستىرى ھاياتى يازىجى «بۇ لايىھە يىپەك يولى دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەلۇم تارىخىي دەۋىرنىڭ ئاسارىتىدىن قالغان ھېسسىي توساقلارنى ئۆرۈپ تاشلاش لايىھىسىدۇر» دېدى. بۇ بەلباغنىڭ يېڭىدىن جانلىنىشىدا يىپەك يولىنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھاياتى يازىجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
غەربكە يۆتكەش ئىمكانى
«يىپەك يولى دۆلەتلىرى بىر زەنجىرنىڭ ھالقىلىرىدىن ئىبارەت. دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدا كەڭ بەلباغلىق ھالەتتە قۇرۇلىدىغان مۇناسىۋەتلەر بۇ رايونلارنىڭ 2 ئەسىرلىك ھالىتىدە ئۆزگىرىش ياسايدۇ. بىز ھازىر بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. يىپەك يولىنى كەڭ بەلۋاغلىق پويېز قاتنىشى ۋە لېنىيىلەر بىلەن، ئېنىرگىيە كارىدورلىرى بىلەن، تەبئىي گاز تۇروبىلىرى بىلەن يېڭىدىن ئويغىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىمىز. سودا ئالاقىسىنىڭ توغرا سۆڭىكىدىن ئىبارەت بولغان يەرشارى قاتنىشىنىڭ قولايلىشىشى بۇ نۇقتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر بۇ لايىھە ئىشقا ئېشىپ قالسا زور مىقتاردىكى مال ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپانىڭ چېتىگىچە ياكى ياۋروپادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكىلەلەيدۇ.
مۇھىم سودا مەركىزى
يىپەك يولىنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ كۈلتۈر بۇلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم لېنىيىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مېنىستىر يازىجى مۇنداق دېدى:
«يىپەك يولى لايىھىسى، تارىختىن بېرى قەدىمىي دوستلۇقلارنى ئورناتقان دۆلەتلىرىمىزنىڭ يېڭىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئالاقە بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشىغا ۋەسىلە بولغۇسى. تارىخىي يىپەك يولى لېنىيىسدىكى، خىتاي، ئەزەربەيجان، ھىندىستان، ئىراق، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، رۇسىيە، سۈرىيە، تاجىكىستان، كورىيە، ئافغانىستان، گىرۇزىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تارىختا قانداق دوستلۇق قۇرغان بولسا، بۈگۈنمۇ سودا ۋە دوستلۇق ئالاقىسىنى مەھكەم داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ رايون تارىختىكى ئەھمىيىتىگە يارىشا، يېقىنقى يىللاردىمۇ ھەم مۇھىم بىر سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىلىۋاتىدۇ. كۈنىمىزدە، تەخمىنەن 30 تىرليون دوللارغا يېتىدىغان دۇنيا تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە %22 نى يىپەك يولى دۆلەتلىرى تەشكىل قىلماقتا.
تۈركىيە تارىخىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئەگەر تارىخىي يىپەك يولى مىنىستىر ھاياتى يازىجى ئېيتقاندەك قايتا جانلانسا، ئۇيغۇرلارغا سىياسى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۈتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.