خىتاي ئۇشتۇمتۇت قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزگەرتىۋەتكەن بۇ پىلان ھەققىدە، ئامېرىكىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئا ب س خەۋەرلىرى، نيۇ-يورك تايمىس قاتارلىق 61 ئۇچۇر ۋاسىتىسى خەۋەر ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇردى.
ئامېرىكىدىكى پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيىنىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئېلان قىلغان جىددىي ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇزېيىدا 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دىن 6-ئايىنىڭ 5-كۈنىگىچە "يىپەك يولىنىڭ سىرى" دېگەن تېمىدا كۆرگەزمە ئېچىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ھەممە تەييارلىقى پۈتۈپ، ئەمدى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، بولۇپمۇ 2-ئاينىڭ 5-ۋە 6-كۈنلىرى تارىم ۋادىسىدىن تېپىلغان مۇمىيالار، ئارخېئولوگىيىلىك ئىزلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان چوڭ ئىلمىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، كەسپىي خادىملار يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى باشلانغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كۆرگەزمىگە قويۇش پىلانلانغان تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3 مىڭ 500 يىل بۇرۇنقى يەرلىك خەلقنىڭ جەسەتلىرى (مۇمىيالار) نى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇشتۇمتۇت رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ "يىپەك يولىنىڭ سىرى" دېگەن تېمىدا كۆرگەزمە ئېچىش پىلانى ئۆزگەرگەن. ئەمدى بۇ كۆرگەزمىگە ئاللىقاچان بېلەت سېتىۋالغان كىشىلەرنىڭ پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي ئۇشتۇمتۇت قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەن بۇ پىلان ھەققىدە بۈگۈن ئامېرىكىدا، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئا ب س خەۋەرلىرى، نيۇ-يورك تايمىس قاتارلىق 61 ئۇچۇر ۋاسىتىسى خەۋەر ئېلان قىلدى. نيۇ-يورك تايمىس گېزىتى 'خىتاي ھۆكۈمىتى پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يىپەك يولىنىڭ سىرى دېگەن كۆرگەزمىگە قويۇشنى پىلانلىغان ھەممە گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى' دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى "پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيىنىڭ 'يىپەك يولىنىڭ سىرى' دېگەن كۆرگەزمىسىگە خىتاي توسقۇنلۇق قىلدى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرنى بۈگۈن ئامېرىكىدا 61 گېزىت ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىسى كۆچۈرۈپ باستى.
بۈگۈن ئامېرىكىدا 60 تىن ئارتۇق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيى پىلانلىغان 'يىپەك يولىنىڭ سىرى' دېگەن كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان مۇمىيالار ۋە باشقا گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى، دەل ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى سانتا ئاننا مۇزېيىدا ۋە تېكساس شتاتىدىكى خيۇستون مۇزېيىدا ئاللىقاچان كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىكەن.
ئەمما، پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيى بۇ يىل ئاچىدىغان "يىپەك يولىنىڭ سىرى" دېگەن كۆرگەزمىدە، بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان، ئەمما چەتئەللەردە شەخسىيلەر ساقلاۋاتقان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يۇڭ توقۇلمىلار ۋە باشقا زىبۇزىننەتلەرنىمۇ كۆرگەزمە قىلىشنى، بولۇپمۇ، تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىللار بۇرۇنقى مۇمىيالار دەل شۇ رايوننىڭ قەدىمىقى ئاھالىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلار قاڭشىرى ئېگىز، قوڭۇر چاچلىق، مىللىي كىملىككە ئىگە ئاق تەنلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ كىملىكىگە ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ۋارىسلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئەھۋال ئۇقۇشىمىزچە، پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيى پىلانلىغان بۇ "يىپەك يولىنىڭ سىرى" دېگەن كۆرگەزمە ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ ئادەم ئەۋەتكەن، بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدىن، بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىدىن بولۇپ، بۇ ئۈچ كىشى مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويىدىغان بۇيۇملارنى تېخىچە پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىغا ئۆتكۈزمەي تۇرغان ئىكەن.
2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق مۇزېيىدا ئېچىش پىلانلانغان بۇ "يىپەك يولىنىڭ سىرى" دېگەن كۆرگەزمىنىڭ ھەممە تەييارلىقى پۈتۈپ بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇشتۇمتۇت قارشى تۇرۇپ، بۇ كۆرگەزمىنى دەل خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كۈنىدە تارقىتىۋەتىشكە ئۇرۇنغانلىقى كىشىلەرگە غەلىتە تۇيۇلغان. ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان دوكتور دولقۇن قەمبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1993-يىلىدىلا مۇشۇنداق بىر كۆرگەزمىنى ئېچىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىشكە بارغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت مەدەنىي يادىكارلىق ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا "بېيجىڭ بۇ مۇمىيالارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە تارىخىي پاكىت بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ" دېگەن ئىكەن.