زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ساتقان «ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلار» شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىلەن سۆھبەت

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن زەھەرلىك ئاچچىقسۇ ۋەقەسى ھەققىدە ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ بىلىشكە تېگىشىلىك ئۇچۇرلارنى بىلىش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئۇچۇرلارنى سورىماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ۋەقەدىكى بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئۇچۇرلار قايسى ئۇچۇرلار؟
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
achchiqsu-zeherlinish-guma-305.jpg گۇما ناھىيىسىدىكى «زەھەرلىك ئاچچىقسۇ» نۇرغۇن جانغا زامىن بولغان. 2011-يىلى 22-ئاۋغۇست.
www.guardian.co.uk

مانا بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز بۈگۈن، زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ساتقان سانجۇ يېزىسىدىكى ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلار يىمەك - ئىچمەك توپ سېتىش مەركىزىنىڭ خوجايىنى ئەخمەتجان مەتتۇرۇپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئەخمەتجان مەتتۇرۇپ، زەھەرنىڭ مەنبەسى ئاچچىقسۇنىڭ ئەسلى ئۆزىدە ئەمەس، ئاچچىقسۇنى قاچىلىغان باكتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلىيالايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.