سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ...
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.03
2008.12.03

AFP Photo
شۇنداقلا، ھازىرمۇ بالىلار بۆلىمى بالنىستىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ كېسەل بولغان 30 چە بالا داۋالانماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارانلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نازۇك مېڭە تومۇرىغا ئاسما ئوكۇل يىڭنىسى كىرگۈزۈلگەن، ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ تېخى ساقىيىپ كېتەلمەي داۋاملىق داۋالىنىۋاتقان، توختىماي يىغلاپ ئاۋازلىرىمۇ ئاجىزلاشقان مۇجاھىت ئىسىملىك تېخى توققۇز ئايلىقمۇ بولمىغان بىر بوۋاق بار.
بۇ بوۋاق ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن خىتاي بويىچىمۇ سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان ھەمدە بۆرەك تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بالىلار ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ بوۋاقنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دوختۇرخانىدىن ئىگىلىگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.