ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا «شەرقىي تۈركىستان سودا يەرمەنكىسى» ئېچىلدى

2012‏-يىلى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شەرقىي تۈركىستان سودا يەرمەنكىسى نامىدا پائالىيەت باشلاندى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىپ، خىزمەت ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، ئىقتىسادى كىرىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

زەيتىنبۇرنۇدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان سودا يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 1-ئىيۇن، ئىستانبۇل.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا چېدىر قۇرۇپ بىر ھەپتە بۇ خىل پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ قېتىم يەنە زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئەڭ ئاۋات ئورۇن بولغان پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى چوڭ مەيداندا شەرقىي تۈركىستان سودا-يەرمەنكىسى نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ يەردىكى پائالىيەتمۇ بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى ۋە ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.