رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
2010.11.29
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 28 - نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن بىرگە شىۋېتسارىيىدىن ئايرىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئىسپانىيىدىكى تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايروپىلان ئىستانسىسىدا رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالغان، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيە تىبەت تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە قانداق قىلغاندا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ چىقىش كېرەكلىكى ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
29 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى، رابىيە قادىر خانىم بارسېلونادا چىقىدىغان El- Temps ھەپتىلىك ژۇرنىلى، ئىسپانىيىنىڭ Catradio رادىئوسى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسپانىيە تىبەت تەشكىلاتى بىلەن ئىسپانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن. شۇنىڭدەك يەنە مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان دالاي لامانىڭ سىڭلىسى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
رابىيە قادىر خانىم ئىسپانىيىدە يۇقىرىقى پائالىيەتلەر تۈپەيلى جىددى خىزمەت ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز رابىيە خانىمنى بىۋاستە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدۇق. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىغا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى توختالدى.