زۇلھەججە ئېيى قانداق ئاي، بۇ ئايدا قانداق ئىبادەتلەر بار؟

مۇبارەك قۇربان ھېيت كېلىدىغان مۇھىم ئايلاردىن بىرى - زۇلھەججە ئېيىدۇر. ئۇنداقتا، زۇلھەججە ئېيى قانداق ئاي، بۇ ئايدا ئالاھىدە بۇيرۇلغان قانداق ئىبادەتلەر بار؟ ئۇيغۇر خەلقىمىزنى زۇلھەججە ئايلىرىدىكى پۇرسەتلەردىن ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەنجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

0:00 / 0:00

زۇلھەججە ئېيى قانداق ئاي؟ بۇ ئايدا ئالاھىدە بۇيرۇلغان قانداق ئىبادەتلەر بار؟ دېگەن سوئاللىرىمىزغا دىنىي زىيالىي ھۈسەنجان تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى.

دىننى زىيالىي ھۈسەنجان: "دىنىمىزدىكى مۇبارەك ئاي ۋە كۈنلەر ئىچىدە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت خاراكتېرلىك ۋاقىت قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن .... ئاللاتائالا نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قەسەم قىلغان بۇ ئون كۈن - ھەج ئىبادىتى بولىدىغان، ئەرافات كۈنى بولىدىغان، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ۋە قۇربان ھېيت قىلىنىدىغان كۈنلەردىندۇر."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.