شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىپتارلىق يىغىنىدا تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.03.29
olimalar1.jpg شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن 26-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆلىمالار، پېشقەدەملەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىپتارلىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مۇھاجىرەتتىكى ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكىتلىدى: «بۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر، چۈنكى ئۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بىز، ئۇ يەردىكى خەلق بىزنىڭ خەلقىمىزدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار، يۇرت ئاقساقاللىرى، دىنى ئۆلىمالار، زىيالىيلار تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى مەلۇم بىرەر تەشكىلاتقا ياكى بىرەر شەخسكە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ بۇ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ھازىرقى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەۋاسى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا پەرزدۇر. يەنى ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋەتىنى مۇنقەر بولغان مۇسۇلمانلارنى، يەنى بىز ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش خۇددى ناماز ئوقۇش پەرز بولغانغا ئوخشاشلا بۇ يولدا ئېلىپ بارىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز، پائالىيەتلىرىمىز پەرز ئەيىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ۋەتەن پەرزەنتىنىڭ قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆلىمالىرى ھەر يىغىلىشتا پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ دىنىي ئالىملار ھەر يەردە پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئالسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇلاردىن ھېچقانداق سادا يوق. ئۇلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا قارشى خىتاينى ئۆزلىرىگە ئىتتىپاقداش قىلىشنى ئويلايدۇ، خىتاينى ئارقىغا ئالالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.»

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە سىراجىدىن ئەزىزى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە سىراجىدىن ئەزىزى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ مەسئۇلى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بەزى كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ۋەتەندىكى كىشىلەرنىڭ ھەتتا بىر تۇغقانلىرىدىن، يېقىنلىرىدىن، تونۇشلىرىدىن، دوستلىرىدىن، قوشنىلىرىدىن قاچىدىغان؛ بىر-بىرىگە سالاممۇ قىلمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە ئابدۇقادىر ياپچان سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە ئابدۇقادىر ياپچان سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى، يېقىندا ئىستانبۇلدا تۇتۇلغان خىتاي جاسۇس گۇماندارلىرىنىڭ يەتتە كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ تۈركىيەدە تېخى تۇتۇلمىغان جاسۇسلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە بولىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن، بولۇپمۇ تۇپراق دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. بىز بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىشىمىز، خەلقىمىز ئۆزىنى دەۋانىڭ ئىچىدە ھېس قىلىدىغان، بارلىقىنى ۋەتەن دەۋاسىغا بېغىشلايدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار ۋە يىغىن پائالىيىتىدە دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇنقەرز ۋەتىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خەلقى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.