«خىتاينىڭ ئون يىلى. شىنجاڭ» تېمىسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتتا «ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىلدى» دېيىلگەن
2022.08.31

8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان «خىتاينىڭ ئون يىلى: شىنجاڭ» دېگەن تېمىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولدى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە «دىنىي ئەسەبىيلىك» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، «تېررورچىلارغا زەربە بېرىۋاتىمىز» دېگەن باھانە بىلەن خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، بىر ياقتىن مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئاننى كۆيدۈرۈپ، خەلقنى تۇتۇپ سولاپ مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مۇخبىرلىرىنى توپلاپ، ئۆز يالغان تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان. سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان دۇنياغا پاش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى سىناق قىلغانلىقى، مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى لاگېرغا سولاپ، مېڭىسىنى يۇيۇپ، مەسچىتلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىنمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئىككى دۆلەتنىڭ، يەنى خىتاي بىلەن بىرمىنىڭ ئۆز خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب-نازارەت سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۈرمە-لاگېرلاردا قىيناپ، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلىرىنى ئايرىۋېتىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى.
جاڭ چۈنلىننىڭ بۇ ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان «ھەر مىللەتنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، دىنغا ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك ياكى قايسى دىننى تاللاش ھوقۇقى ئۆزىگە مەنسۇپ» دېگەندەك گەپلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىن سىياسىتىدە تولا تەكرارلىنىدىغان قۇرۇق گەپلەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ھاكىممۇتلەق ئورۇنغا ئۆتۈپ، دىنىي ئەقىدىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغان. يەنى ئېتىقادچىلار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەمرى-مەرۇپلىرىنى كومپارتىيەنىڭ پەرمانلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
جاڭ چۈنلىن يەنە «ئېتىقادچىلار ئۆزىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا ۋە ئۆيلىرىدە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قىلالايدۇ» دېگەن؛ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا نەچچە مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ ياكى قۇلۇپلاپ، ئاممىنىڭ ئۆيىگە خىتاي كادىرلارنى قويۇپ ئۇلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئىشلىرى ھازىر تامامەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، مەسچىتلەرنىمۇ تەشۋىقات ئۈچۈن لازىم بولغاندا ئاچقان، بولمىسا تاقىغان.
جاڭ چۈنلىننىڭ تەشۋىقاتىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىل مابەينىدە دىنىي كىتابلارنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلغان؛ مەسچىت، بۇتخانا، چېركاۋلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىغان. ھالبۇكى، ئىشلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرئان قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى يىغىپ كۆيدۈرگەنلىكى، نەچچە مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چاققانلىقى خەلقئارا مەتبۇئات ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلگەنىدى.
جاڭ چۈنلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بېرى ئىسلام دىنى خادىملىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. 2017-يىل 200 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش رايونىنى قۇرغان؛ ئاندىن ئىلى، سانجى، تۇرپان، خوتەن قاتارلىق 8 جايدا ئۇنىڭ تارماق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، «بىر مەركەز كۆپ تارماقلىق دىنىي مائارىپ سىستېمىسى» شەكىللەندۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە «دىنىي خادىملارنى نۇقتىلىق، پىلانلىق، قاراتمىلىق تەربىيەلەش پرىنسىپى» بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا سالىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئون يىلدىن بېرى بۇ تەشۋىقاتتا دېگەن ئىشلىرىنىڭ تامامەن ئەكسىنى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجى 2018-يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېرىدا ۋاپات بولغانىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدەررىسلىرى بىر-بىرلەپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 يىل بۇرۇنلا «خىتاي موللىسى» ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىيازنىڭ قولىغا قالغان شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى ھازىر ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتى ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان بىر تەشۋىقات ئورنىدىن ئىبارەت، خالاس.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ما شىڭرۈي «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جاڭ چۈنلىن گەرچە بۇ گەپنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتنى يەنىلا ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنى تەھلىل قىلىپ: «جاڭ چۈنلىن بەلكىم بۇ گەپنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا بېرىدىغان سەلبىي تەسىرىنى ئويلىشىپ، تىلغا ئالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ، خىتاينىڭ ئۇ سىياسەتتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق تاكتىكا» دېدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نېمە ئۈچۈن دىنىي سىياسەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ماختىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاپ: «مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى خەلقتە خىتاينىڭ جىنايىتىگە بولغان تونۇش كۈچەيدى، خىتاي بەلكىم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق يالغانچىلىق خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ پاكىتلىرى ئالدىدا ئاقمايدۇ،» دېدى.