تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ بىلەن قەشقەر ھەققىدە سۆھبەت

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىزىل بايراقلار ئېسىۋېتىلگەن كوچىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاياللار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
قىزىل بايراقلار ئېسىۋېتىلگەن كوچىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاياللار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

2020-يىلى 5-يانۋار كۈنى يۇتۇب قانىلىدا ئابۇ تەخەللۇسىدىكى تەيۋەنلىك خىتاي ساياھەتچىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى 20 مىنۇتلۇق سىن فىلىمى تارقىلىپ، تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

20 مىنۇتلۇق بۇ فىلىمدا تەيۋەنلىك ساياھەتچى ئابۇ قەشقەرنىڭ مەشھۇر ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كوزىچى، ياربېشى مەھەللىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقىنى يوقىتىپ، دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ سېلىنغان، كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغان بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ فىلىمدا يەنە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى توغرىلىق خەۋەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايلىق ئۇيغۇر دىيارى ساياھىتىدە كۆرگەن ئەمەلىيىتىدە بىرمۇ-بىر ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىلىمدا ئابۇ يەنە ئادەمسىز قالغان كوزىچى مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەھەللىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېقىمسىز قالغان بالىلىرىنىڭ «يەسلى» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بىز 21-ماي كۈنى ئۆزىنى ئابۇ دەپ ئاتىغان تەيۋەنلىك ساياھەتچى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر ساياتھىتى ۋە بۇ جەرياندىكى تەسىراتلىرى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتتى.

ئابۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ۋېلىسىپىت بىلەن 2 ئايلىق ساياھەتتە بولغان بولۇپ، قەشقەردە تەخمىنەن 20 كۈن ئەراپىدا تۇرغان. ئۇنىڭ قەشقەردە كۆرگەنلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆچمەس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان.

سۆھبىتىمىز ئابۇنىڭ ئەينى چاغدا قەشقەر كوزىچى مەھەللىسى قاتارلىق كونا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى قانداق شارائىتتا سۈرەتكە ئالغانلىقى، ئۇنىڭ قەشقەردە كۆرگەن ئەھۋاللىرى ۋە قەشقەر زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇيغۇلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتى:

سوئال: مەن سىزنىڭ يۇتۇب تورىدا تارقاتقان قەشقەر ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىڭىزنى كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن ئىدىم. فىلىمدا قەشقەردىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەر بار ئىكەن. سىز ئەينى چاغدا بۇ مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلغان چېغىڭىزدا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قانداق سۈرەتكە ئالدىڭىز؟

جاۋاب: ئەينى چاغدا مەن يوشۇرۇنچە سۈرەتكە ئالدىم.

سوئال: سىز يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشەلىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار سىزگە قانداق تۇيغۇ بەردى؟

جاۋاب: شۇنداق، سۆزلەشتىم. ئۇلار ماڭا گەپ قىلغان چېغىدا ئۇلاردىكى قورقۇنۇچ تۇيغۇلىرىنى ئېنىق ھېس قىلدىم.

سوئال: سىز ئۇلاردىن قانداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدىڭىز؟

جاۋاب: ئۇلاردىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي دىياسىتىگە ئائىت سوئاللارنى سورىدىم.

سوئال: سىز ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرغاندا ئۇلاردا قانداق ئىنكاستا بولدى؟

جاۋاب: قانداق ئىنكاس دەمسىز؟ دەسلەپتە ئۇلار ئىپادە بىلدۈرمىدى، كېيىن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭا ئاستا-ئاستا ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە باشلىدى.

سوئال: سىز بۇ فىلىملەرنى 2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپسىز، شىنجاڭدا ساياھەتتە بولغان چېغىڭىز نەچچىنچى ئايلار ئىدى؟

جاۋاب: 2019-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە تەخمىنەن ئىككى ئاي ئەتراپىدا يالغۇز ساياھەتتە بولدۇم. قەشقەرنىڭ ئۆزىدىكى ساياھىتىملا 2 ھەپتىدىن 3 ھەپتىگىچە داۋاملاشتى، يەنى 20 كۈن قەشقەردە بولدۇم.

سوئال: بىلىشىمىزچە، بۇ ۋاقىت مۇسۇلمانلارنىڭ رامازان ئايلىرىنىڭ ئاخىرى ۋە قۇربان ھېيت بايرىمى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بارغان ئەھۋاللىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟

جاۋاب: مەن قەشقەرگە بارغان ۋاقىت قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىكەن، مەن ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىدىم. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە بەزىلەرنىڭ كوچىغا چىققانلىقىنى ۋە مەيداندا ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى (ساما دېمەكچى) كۆردۈم، ئەمما بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا ساقچىلار ئۇلارنى قوغلىۋەتتى.

سوئال: سىز بۇ مەزگىلدە قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولغان ھېيتگاھ جامەسىگە باردىڭىزمۇ؟ ئەينى چاغدا ئۇ يەردە قانداق مەنزىرىنى كۆردىڭىز؟ ئۇيغۇرلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلدىمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، باردىم. قۇربان ھېيت كۈنى ئۇ يەرگە باردىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەرگە (ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيدان دېمەكچى) يىغىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار ناماز ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولسا كېرەك. ئەمما ساقچىلار ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ يەردە كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ناماز (ھېيت نامىزى دېمەكچى) ئوقۇيدىكەن.

سوئال: ئەينى چاغدا سىز قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى دەرۋازىسىدىكى ئايەت يېزىلغان لەۋھەنى كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ يىل ئۇلار بۇ لەۋھە تاختىسىنى ئېلىۋېتىپتۇ. سىز بارغان چېغىڭىزدا ئۇ لەۋھە تاختىسى بارمىكەن؟

جاۋاب: مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمما ئۇ جايدا (جامە ئىچىگە يېزىلغان) دىنغا ئائىت ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە پارىسچە يازمىلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.

سوئال: سىز كۆرگەن مەسچىتلەردە خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرى بارمىكەن؟

جاۋاب: بار ئىكەن، مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرى ئېسىلغان ئىكەن.

سوئال: ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇز بەلگىلىرى بارمىكەن؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇز بەلگىسىنى دەمسىز؟ ياق، ئۇلار يوق ئىكەن، ئېلىۋېتىلىپتۇ. مېنىڭ كۆرگىنىم خىتاينىڭ دۆلەت بايراقلىرى بولدى.

سوئال: سىز قەشقەر قەدىمىي كوچىلىرىدا كۆرگەن ئۇيغۇرلار قانداق كىيىنىپتۇ؟

جاۋاب: ساياھەت نۇقتىلىرىدا ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيگىنىنى كۆردۈم، ئەمما كوچىلاردا كۆرگىنىم خىتايلاردىن پەرقلەنمەيدىغان كىيىملەرنى كىيگەن كىشىلەر بولدى.

سوئال: بېشىغا ياغلىق ئارتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟

جاۋاب: كۆردۈم، ئەمما بەك ئاز ئىكەن. ئاساسەن چوڭ ياشتىكى ئاياللارنى ئۇچراتتىم.

سوئال: ياش ئاياللار ۋە قىزلار ياغلىق ئارتمىغان، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق، توغرا.

سوئال: ساقال قويغان ئەرلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟

جاۋاب: ياق، كۆرمىدىم. ئادەتتە ئۇيغۇرلار ساقال قويۇشقا ئامالسىز ئىكەن، ئۇلار ئەندىشە قىلىدىكەن.

سوئال: سىز ئۇلاردىن ساقال قويۇشتىن نېمە ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى سورىدىڭىزمۇ؟

جاۋاب: سورىدىم، رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۇلار قورقىدىكەن. ساقال سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.

سوئال: ياشانغانلارمۇ ساقال قويالمامدىكەن؟

جاۋاب: ئىنتايىن قېرىپ كەتكەن بوۋايلارنىڭلا ساقىلى بارلىقىنى كۆردۈم. ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ساقال قويمايدىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتە كۆپ چۈشەندۈرۈش بېرىشنى خالىمىدى، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىن چارىسىز قالغان ھالەتنى ئېنىق كۆردۈم. . .

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت