تەيۋەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې: «تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت»
2023.08.24
خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا توسقۇنلۇق قىلسىمۇ، لېكىن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تەيۋەندە بار ئىكەن.
ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تەيۋەندىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە قەيت قىلىنىشىچە، لەي چىڭدې (William Lai) «تەيۋەن ئەزەلدىن خىتاي جۇمھۇرىيىتى، دېگەن نامدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت» دېگەن. ئۇ يەنە «مۇستەقىللىق جاكارلاشنىڭ ھاجىتى يوق» ، «خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر-بىرىگە تەئەللۇق ئەمەس» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز لەي چىڭدېنىڭ «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە قىلغان باياناتلىرى ۋە پىكىرلىرى توغرۇلۇق خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭنىڭ كۆز قارشىنى سورىدۇق. ئۇ ئىنگلىزچە ئىسمى ۋىليام لەي دەپ ئاتالغان لەي چىڭدېنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ : «خىتاي ھاكىمىيىتىنى تەيۋەنگە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوق» دېدى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:
«ۋىليام لەينىڭ دېگەنلىرى ئەلۋەتتە توغرا. خىتاي ھازىر چاتاق تېرىۋاتقان دۆلەت، تەيۋەن پەقەت ئۆزىنىڭ ئەركىن دېموكراتىيەسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى خالايدۇ. بۇنىڭدا بىر مەسىلە بولماسلىقى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەپسۇس، دۇنيا تەيۋەن ھەققىدە خىتاينىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خاتا. مەن ۋىليام لەيگە قوشۇلىمەن. خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەزەلدىن تەيۋەننى باشقۇرۇپ باقمىغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئەزەلدىن تەيۋەنگە قارىتا ئېنىق (مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان) ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ھەتتا جياڭ جېشىمۇ شۇنداق. بۇ يەردە، خىتاينىڭ تارىخ كۆز قارشى توغرا ئەمەس. بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئەمەس. شۇڭا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۈشمەنچە ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ.»
لەي چىڭدې ئالدىنقى ھەپتىنىڭ باشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پاراگۋاي پىرېزىدېنتىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ۋە پاراگۋاي زىيارىتىدىن قايتىشىدىمۇ ئامېرىكانىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئامېرىكادا توختاپ ئۆتۈشى ۋە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشى خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. خىتاي تەرەپ لەي چىڭدېنى «بۆلگۈنچى» ، «ئاۋارىچىلىك تېرىغۇچى» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزىدا خىتاينىڭ ئەسكىرى تەھدىتى بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە چىققان.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى لەي چىڭدېغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ 8-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىر قىسىم ھەربىي كېمىلىرىنى ئشىقا سېلىپ ھەيۋە كۆرسەتكەن. تىك-توك قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قوللايدىغان ۋە تەيۋەنگە تەھدىت قىلىدىغان فىلىم ۋە ۋىدىيو تەشۋىقاتلىرى كۆپەيگەن. تىكتوكتا تارقالغان فىلىملارنىڭ بىرىدە رىياسەتچى خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
«ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىك يېقىندا سىرتقى دۇنياغا تارقىتىلغان نۇرغۇن فىلىملارنى (ۋىدىيولارنى) كۆرگەن. ئۇ فىلىملاردا بەك كەڭ تارقىتىلدى. بۇ فىلىملاردا تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش پىلانلىرى تونۇشتۇرۇلدى. فىلىمدىكى جەڭ مەيدانلىرى بولسا تەيۋەن بوغۇزى ۋە تىنچ ئوكيان دېڭىز-ھاۋا بىرلەشمە رايونىغا جايلاشقان. بۇ فىلىملاردا ئەسكەرلەرنىڭ ماسلاشقان ھەرىكىتى ۋە جەڭ قىلىشلا بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ بىزنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ۋەتەننىڭ بىرلىشىشىگە قارشى تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بېرىكتۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ‹خەلق گېزىتى› يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىشىشى توغرىسىدا مۇقەررەر مۇرەسسە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 سائەتتىن 3 سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا جەڭنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى بولۇپ تەيۋەن ئارىلىنى ۋەيران قىلىدۇ. تەيۋەن ئارمىيەسى ئەدىپىنى يەيدۇ. بۇ بىزگە ئۇرۇشنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ».
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن تەيۋەننى باشقۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەيۋەننىڭ كىملىكى بىلەن خىتاينىڭ كىملىكى بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلىق ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئەزەلدىنلا تەيۋەننى ئىگىلەش شوئارىنى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلالمىغان، تەيۋەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
لەي چىڭدې «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» بىلەن ئېلىپ بارغان مەزكۇر سۆھبىتىدە يەنە تەيۋەننىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي تەيۋەنگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمىگۈچە بىز ھەربىي كۈچىمىزنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خىتاينىڭ تەھدىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، خىتاينىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش خاھىشى توختاپ قالمايدۇ. شى جىنپىڭدىن كېيىنكى خىتاي رەھبەرلىرىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن-بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دۆلىتىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزنى نامايان قىلىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
لەي چىڭدې تىلغان ئالغان خىتاي تەھدىتى ۋە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە گوردون چاڭ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇ تەيۋەنگە قارشى خىتاي تەھدىتىنىڭ بەك ئېغىر ۋە جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا ئەركىن دۇنيانىڭ ياردىمىسىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«تەيۋەن خەلقى ئەركىن بولۇشنى خالايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تاللىيالىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى خالايدۇ. بۇنىڭ ھېچقايسىسىدا خاتالىق يوق. ئۇلار ئاللىبۇرۇن مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى تەيۋەندە بار. ئۇلار مۇستەقىل. ئەگەر ئەركىن دۇنيا ئۇنى قوللىسا، تەيۋەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ بايدېن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھالقىلىق مەسىلە. بۇ ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن ھالقىلىق بىر مەسىلە. بىز مەغلۇپ بولماسلىقىمىز كېرەك. ئامېرىكا ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز تەيۋەننىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بەك قىيىن، بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل. شۇڭا، ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەننى قوللىشى بەك مۇھىم.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى لەي چىڭدې ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي تەھدىتى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ، تەيۋەندە دېموكراتىك تۈزۈم ئاستىدا يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ مۇستەقىل بىر دۆلەتنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ تارىخى رېئاللىقنىڭ ۋە تەيۋەن خەلقنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.