ئانالىزچىلار: «پومپېيونىڭ تەيۋەن دىپلوماتىيەسىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى، ئامېرىكا-تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئۆزگىرىش ئەكىلىدۇ»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 9-يانۋار، يەنى شەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

پومپېيو مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن مەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قويغان بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلغانلىقىمنى جاكارلايمەن.»

پومپېيو 9-يانۋار كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە يۇقۇرىقى قارار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا دىپلوماتلىرى، ھەربىي خادىملار ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ تەيۋەنلىك كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە مۇرەككەپ ئىچكىي چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا بۇ قارارلارنى بىر تەرەپلىمە ھالدا يولغا قويغان ئىدى. ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.»

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان غەرب تاراتقۇلىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيونىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئانالىزلارنى ئېلان قىلماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چەكلىمىلەر تەيۋەن ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا قوبۇل قىلماسلىق، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش توغرا كەلسە مېھمانخانا قاتارلىق بىرەسمىي سورۇنلاردا ئۇچرىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشىنىڭ، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گوردون چاڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىزگە مەلۇمكى، ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى كېللىي كرافت چارشەنبە كۈنى تەيۋەنگە بارىدۇ. شۇڭا بۇ چوقۇم بېيجىڭنى بىئارام قىلىدۇ. دەرۋەقە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدا بۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرقى لىنىيەسىنى بۇزدى، دىيىلدى. ماھىيەتتە بىزنىڭ، يەنى ئامېرىكانىڭ قىلغىنى ئامېرىكا ئۆزى بەلگىلىگەن چەكلىمىلەرنى ئۆزى چىقىرىپ تاشلىدى، خالاس. بۇنى دۆلىتىمىز قىلغان ناھايىتى ياخشى ئىش دەپ قارايمەن.»

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ خەۋەر بېرىپ، مايك پومپېيونىڭ 9-يانۋار ئېلان قىلغان قارارىغا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ نارازىلىق ئىنكاسىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ بىزنىڭ قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشىمىزدىن خاپا، شۇڭا بىز خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۆزى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. بۇ بىزنىڭ ئەمدى خىتايدىن قورقمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.»

ترامپ ھۆكۈمىتىدە ئامېرىكانىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مايك پومپېيو خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان ۋە خىتاينى ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەھدىت دەپ بېكىتكەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بىرى. ئۇ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىىڭ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، تىبەتلەرگە قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ خوڭكۇڭدىكى دېموكراتىيەنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلدى.

گوردون چاڭ ئەپەندى بايانىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى، يەنى بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىمۇ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاش داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جوۋ بايدىننىڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرى ناھايىتى ئاز، ئەمما ئۇ كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇرلار، خوڭكۇڭلۇقلار ۋە خىتاي خەلقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۆزىگە مەلۇم ئىشەنچ ياراتتى. دېمەك، كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ.»

تارتقۇلاردا يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئېلان قىلغان قارارى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى شياۋ مېيچىن خانىم بۇ ھەقتە يوللىغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «نەچچە ئون يىللىق كەمسىتىش بىكار قىلىندى. بۇ ئۆز ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن. مەن بۇنىڭدىكى ھەر بىر پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن،» دېگەن.

12-يانۋار كۈنى تەيۋەندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى، ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى، مايك پومپېيونىڭ بۇ قارارىنىڭ ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، پومپېيو ئېلان قىلغان بۇ قارار سەۋەبىدىن، تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋە ياخشى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.»

ئادۋۇكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى سۆزىدە پومپىيو ئېلان قىلغان قاراردىن كېيىن، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرى ئارقىلىق بۇ ئۆزگىرىش ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن ۋاقتى ئەتە، يەنى 13-يانۋاردىن باشلاپ، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى كېللىي كرافت تەيۋەندە ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە تەيۋەندە تۇنجى قېتىم رەسمى ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ. بۇ تەيۋەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ زور دەرىجىدە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بۈگۈنكى گېزىتلەر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا تەيۋەننىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىسى دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي كۆرۈشكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە تىۋېتتېردا بۇ كۆرۈشمىنى ئاشكارىلىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى پومپېيونىڭ قارارىدىن كېيىن، ئەمەلىي بىر قەدەم بېسىلدى، دېسەكمۇ بولىدۇ.»

ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى يەنە تەيۋەن بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى چەكلىمىلەر بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرۇپ: «ئىلگىرى تەيۋەن بىلەن ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى مەخپى، يوشۇرۇن ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى، ئاشكارىلانمايتى. مانا ھازىر ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشقا، ئۆز ئارا يېقىنلىققا قاراپ يۈزلەندى،» دېدى.

ئۇنىڭچە، پرېدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ قارار ھەمدە تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كەلگەن بۇ يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى پرېزېدېنت جوۋ بايدىن دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئادۋۇكات خې چاۋدوڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى قالغاندا ئېلان قىلىندى. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ، تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكىدەك يۈكسەك تەرەققىياتتا داۋاملىشامدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، مېنىڭ شەخسىي قارىشىم بىلەن ئېيتقاندا، ھازىر پۈتكۈل دۇنيا بويىچە خىتايغا قارشىلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇنداق بىر شارائىتتا، مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسۇن ياكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نەزەرىدە بولسۇن، خىتاي ئامېرىكانىڭ رىقابەتچىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكانىڭ رەقىبى دەپ قارىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

شۇڭا بۇ خىل شارائىتتا پېزېدېنت ترامپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىمىگەن ئەھۋالدىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان بايدىن ۋاشىنگىتوندىكى پىشقان سىياسىيون ۋە ئوباما دەۋرىدىكى مۇئاۋىن پرېزېدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە پومپېيو ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قارارغا چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىكى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ تۆت يىل ئىچىدە ئۇل سالغان تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي قارىشىم، خالاس!»