تەيۋەنلىك ياش تور چولپانلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» گە ئۇيۇشتۇرۇلغان
2024.12.30

يېقىندا تەيۋەنلىك ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە تور چولپانلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» گە ئۇيۇشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساياھەتكە قاتناشقان تەيۋەن ياشلىرى «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» ياكى «پىدائىيلار خىزمىتى» نامىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» گە ئۇيۇشتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم تەيۋەنلىك تور چولپانلىرىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» گە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ماختاپ، «شىنجاڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئىنتايىن بىخەتەر جاي» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
ھالبۇكى، رادىيومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەيۋەن دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى شياۋ خاۋيۈ ئىسىملىك ياش، ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» ھەققىدە توختىلىپ، ساياھەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە تەيۋەنلىك ياش ساياھەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قىزىل ساياھەت» تەشۋىقاتىغا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلار بىزنى خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭ رايونىغا قانداق كىرگەنلىكىنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى، شۇنداقلا بۇنى شىنجاڭنىڭ قەدىمىي دەۋرىدىن باشلاپلا خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ چۈشەندۈردى» دېگەن.
شياۋ خاۋيۈ ئۆزىنىڭ خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭ ساياھىتى» دىكى شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنىڭ ‹بىخەتەرلىك› بەرپا قىلىشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسىنى ھېس قىلدىم، بۇ مېنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئاممىۋى قاتناش ياكى مېھمانخانىلارغا كىرگەندە سىز ئايرودۇرۇمدىكىگە ئوخشاشلا مېتال تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ جايلاردا لازېر نۇرى ماشىنىسى بار، ئېسىمدە قېلىشىچە، كونا شەھەرگە بارغىنىمدا كەينىمدە كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بىر بوۋاي بار ئىدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، ئۇ پەقەت بىزگە ئەگىشىپ بىزنىڭ ساياھەت يېتەكچىسىدىن ئايرىلماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلدى.»
شياۋ خاۋيۈ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئۆزىنىڭ ساياھەت جەريانىدا كۆرگەنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ۋە شىنجاڭنىڭ زامانىۋى قىياپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما مەن يەنىلا نۇرغۇن خام كېسەكلىك ئۆيلەرنى ۋە كەپە ئۆيلەرنى كۆردۈم» . شياۋ خاۋيۈ يەنە ئۆزىنىڭ مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرگەندىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، «شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئۇ ساياھەت جەريانىدا مەلۇم بىر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلغىنىدا، ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سىنىپتىكى قارا دوسكىدا يېزىلغان «قارا بولسا، قارىنى يوقىتىش؛ يامانلىق بايقالسا يامانلىقنى يوقىتىش، قالايمىقانچىلىقنى كونترول قىلىش» دېگەن سۆزلەرنىڭ 10 ياش ياكى 12 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ يازغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ خىتايچە سەۋىيەسى شۇنچە ناچار تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ مۇنداق سۆزلەرنى يازالىشى ھەيران قالارلىق ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە تەيۋەندىكى نۇرغۇن ساياھەت ئۆمەكلىرى، خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى ياكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەندىكى بۇ ئورگانلار خىتاينىڭ سىياسىي ۋە سودا چەمبىرىكىگە قاتناشقاندىن باشقا يەنە، تەيۋەندىكى يەرلىك مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىپ، نۇرغۇن تەيۋەن ياشلىرىنى خىتاي ساياھىتىگە جەلپ قىلغان.
تەيۋەندىكى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتچىسى شى جيەنيۈ ئاتالمىش «شىنجاڭ ساياھىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇمشاق قورالى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ «يۇمشاق قورالنىڭ نازۇك تەسىرى» دە تەيۋەن بىلىپ-بىلمەيلا «قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى» نى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭچە، نۆۋەتتىكى خوڭكوڭنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىسى ئىكەن.
«تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كېڭىشى» رادىيومىزغا بۇ مەسىلىگە قارىتا «يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىنكاس قىلغان. ئۇلار، «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ خىل ساياھەتتە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈش تەس بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.