چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلات خىتاي دائىرىلىرىنى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئوخشىمىغان پىكىردىكى زاتلارنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈش، بۇ يىل كىرگەندىن بېرى 24 نەپەر ئوخشىمىغان پىكىردىكى مۇخبىر ۋە تور يازغۇچىسىنى قولغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.27

 چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل كىرگەندىن بېرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات مۇخبىرى، تور يازغۇچىسى ۋە ئەركىن پىكىر قىلغۇچى زاتلاردىن بولۇپ 24 كىشىنى قولغا ئالغان ھەم جازاغا تارتقانلىقىنى خاتىرىلەپ چىققان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ مەزگىلدە يەنە ئاز دېگەندە 80 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ خىزمەت جەريانىدا ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئاۋارىگەرچىلىكلەر تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە سىچۈەندىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخباراتتا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مۇنداق دەپ خىتاب قىلىدۇ، " بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كۆپ قېتىم مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەدىسى قېنى؟ "

مەزكۇر ئورگان ئاخباراتىدا يەنە "بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ مەتبۇئاتنى ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولمايلا قالماي، ئەكسىچە قولغا ئېلىش، ئاۋارىگەرچىلىك پەيدا قىلىش، ئاخباراتنى تەقىپ قىلىشىغا باھانە بولۇپ بەردى " دەپ تەكىتلىگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇسىيە مورىلېن پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ تور بېتىدە ماقالە يازغانلىقىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە "دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇش" بىلەن سوتلانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.