بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، دالاي لاما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پائۇلا دوبرىئانىسكي بىلەن مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرۈشكەندە " بىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاج" دېگەن.
دوبرىئانىسكي، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ تىبەت مەسىلىسى سۆھبىتىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، بولۇپمۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە پائۇلا دوبرىئانىسكي بىلەن يېپىق ھالەتتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دالاي لاما مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىگە كېلىپ ھامىلتونغا جايلاشقان كولگەيت ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاندىكى تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى جايلاشقان دارامسالاغا قايتىدۇ.