گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى دالاي لامانى قوبۇل قىلدى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.05.19
2008.05.19
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى ھەيدمارىيە ۋىچزورېك زېئۇل (Heidmarie Wieczorek - Zeul) ئۆزىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپىي سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ، سۆھبەت جەريانىدا دالاي لامانىڭ نەزىرىدىكى تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە سۆھبەتنىڭ تىبەت ئاپتونومىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى ھەيدمارىيە ۋىچزورېك زېئۇلنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىمۇ ھەر خىل نارازىلىق پىكىرلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ئەمما باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ باياناتچىسى توماس ستەگ، ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدا يەتتە كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مېركېل خانىمنىڭ تەرەققىيات مىنىستىرى ھەيدمارىيە ۋىچزورېك زېئۇلنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىش قارارى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما مېركېل خانىمنىڭ بۇ ئىشقا قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي نارازىلىق بايانى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دالاي لامانى قوبۇل قىلسا ، بۇ گېرمانىيىنىڭ " بىر جۇڭگو" سىياسىتىنى قوللاش مەيدانىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلىشى، گېرمانىيە ئاممىسى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان.