تىبەتتە ھەربىي قامال داۋام قىلماقتا
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.08.25
2008.08.25
بىرقىسىم سەزگۈر دەپ قارالغان جايلارغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى چەكلەنمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى تىبەتلىكلەرنى زىيارەت قىلغاندا، تىبەتلىكلەر رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. بىر راھىب مۇخبىرنىڭ "سىزچە تىبەتتە مۇقىملىق ئەسلىگە كەلدىمۇ" دېگەن سوئالىغا، " شۇنداق ئەسلىگە كەلدى ھۆكۈمەت خالىغىنىنى قىلالاۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىر يەنە ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە، ساقچىلارنىڭ جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. يەرلىك ئاھالىلەر يەنە 14 - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن تىبەتتە زور مىقداردا ئەسكەر كۆپەيتىلگەنلىكىنى، بۇ قوشۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن، تىبەتكە 1 مىليون خىتاي نوپۇسى يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئولىمپىك تەييارلىقى ۋە ئولىمپىك مەزگىلىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا قارشىلىقلىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.