تىك-توك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن قاچتى
2023.03.24
3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى تىك-توك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شوۋزى((Shouzi Chew دىنگۇۋاھلىق ئالدى. 5 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تىك-توك شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىك-توك ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان خەتىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېغىر ھەم كەسكىن سوئاللارنى سورىدى.
ئاۋام پالاتا ئەزالىرى نەچچە يىلدىن بۇيان يامراپ كەتكەن بۇ ۋىدىيو ئەپ دېتالىنىڭ ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىدا ئۈستۈنلۈك تالىشىشىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى BytDance (دويىن) نىڭ قارمىقىدىكى تىك-توك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شوۋزى تىك-توكنىڭ خىتايغا باغلىنىشى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگىنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىك-توكنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ھەمدە تىك-توكنىڭ ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئۇنىڭ بەزى مۈجمەل گەپلىرىدىن تېرىكىپ، «شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ» (Yes or No) دەپ نەق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ بىر گېپىنى تەكرارلاپ، ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىن ئۇچۇر ئوغرىلاپ خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغاندا جوۋ شوۋزى بۇنىمۇ ئىنكار قىلىپ، تىك-توكنىڭ باش شىركىتى بولغان دويىننىڭ ئامېرىكادىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تېكساس شتاتىدىكى Oracle شىركىتىنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ جاۋابلار ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنى قايىل قىلالمىدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلى تىك-توكنىڭ تۆت نەپەر خىزمەتچىسىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ خىتاي خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تىك-شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شوۋزى تىك-توكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتايدىكى دويىندىن تەقسىم بولىدىغان كىرىمى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئۇ تىك-توكنىڭ خۇسۇسىي شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تاپقان كىرىمىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى، مۇشۇ ۋاققىچە كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرەر ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش قىلمىشى ھەققىدە سوئال سورالغاندا ئۇنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكانىڭ ئارىزونا شىتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى دېببى لاسكو (Debbie Lesko) جوۋ شوۋزىدىن: «سىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ دېگەن قاراشقا قوشۇلامسەن؟» دەپ سورىغاندا، جوۋ شوۋزى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، بۇنى شىركەتنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە گەپ يورغىلىتىشقا باشلىدى. دېببى لاسكو بۇ سوئالغا نەق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئۈچ قېتىم سورىغان بولسىمۇ، ھەر قېتىمدا كونا گېپىنى تەكرارلاپ، نەق جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
تىك-توكنىڭ ئەڭ كۆپ قوللانغۇچىلىرى ئامېرىكادىكى ياش-ئۆسمۈرلەر بولۇپ، تىك-توكتىكى ھەر خىل مەزمۇنلارنىڭ بۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقى بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى بولدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل بىلىراكس (Michael Bilirakis) تىك-توكنىڭ ئۆلۈۋېلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ۋىدىيوسىنى كۆرسەتكەندە، گۇۋاھلىق بېرىش زالى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدى. ئۆلۈۋالغان 16 ياشلىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ سۈرىتىمۇ يىغىن ئەھلىگە كۆرسىتىلدى.
فلورىدا شىتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كات كاممەك (Kat Cammack) تىك-توكقا چىققان ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنېرگىيە، سودا كومىتېتىنىڭ باشلىقى كېتى روجېرسقا قوراللىق تەھدىت سېلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ۋىدىيونى كۆرسىتىپ: «بۇ ۋىدىيو تىك-توكتا تۇرغىلى 41 كۈن بولدى. بۇ نەرسە مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى ۋە مۇشۇ زالدا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەرگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ. بۇ نەرسە تا ھازىرغىچە تىك-توكتا تارقىلىپ يۈرۈۋاتسا، بىز سىزنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرالايدىغانلىقىڭىزغا قانداق ئىشىنىمىز؟ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى قوغدىيالمىساڭ، 150 مىليون ئامېرىكالىقنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالىشىڭىزغا قانداق ئىشىنىمىز؟» دەپ سوئال قويدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېتى روجېرس (Cathy Rodgers) بۇ يىغىندا تىك توكنى-خىتايغا زىچ باغلانغان بۇ جاسۇسلۇق دېتالىنى چەكلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بىز تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. تىك-تىك ئامېرىكالىقلارنى تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىش، تېخىمۇ كۆپ نازارەت قىلىش، تېخىمۇ كۆپ سۇيىئىستېمال قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق قوللىنىلىپ كەلدى. سىزنىڭ بۇ ۋىدىيو كۆرسىتىش تورىڭىز چوقۇم چەكلىنىشى كېرەك».
يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن بايدېن ھۆكۈمىتى تىك-توكنى چەكلەشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 23-مارت كۈنى تىك-توك ئەمەلدارىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن تىك-توك شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، باش دىرېكتور جوۋ شوۋزىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى، ئەمما بۇ سوئاللاردا سىياسىي ھەيۋىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن جوۋ شوۋزى سىنگاپورلۇق بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكادا سودا-ئىقتىساد ئوقۇغانىكەن؛ 2021-يىلدىن ھازىرغىچە تىك-توكنىڭ باش دىرېكتورى ۋە تىك-توكنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان BytDance (دويىن) نىڭ مالىيە ئەمەلدارى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئۇ BytDance نىڭ خىتايدىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لياڭ رۇبوغا خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ تۇرىدىكەن.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 24-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بىرىنچى مەيدانلىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تىك توكنىڭ ئامېرىكا ئابونتلىرىغا بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ تىك-توكنى چەكلىشى ياكى ساتقۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا قارشى كۈچ ۋە پىكىر توپلىماقتىكەن.