«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالىي تەتقىقاتچى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain) 12-ئاپرېل كۈنى «سولچىلار، تىك-توك ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى سولچىلارنىڭ خىتايغا بولغان چۈشەنچىسىدىكى خاتالىقى تىك-توكنى چەكلەشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلانغان جىنايەتلەرگە سەل قاراۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشتە پاسسىپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلغان.
جېففىرىي كەيىن بۇ ماقالىسىدە ئامېرىكادىكى سولچىلارنىڭ خىتايدىكى مىللەتچىلىك، مىللىي كەمسىتىش ۋە زۇلۇمنى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيبلەيدۇ. سولچىلارنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ جاھانگىرلىك، مۇستەملىكىچىلىك، قۇللۇق تۈزۈم ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تارىخى بار. خىتايدا ئۇنداق ئىش بولمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاقلار ئەمەس. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەپ پۈتكۈل خىتاينى يەكلەشكە، كەمسىتىشكە بولمايدۇ. جېففىرىي كەين بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاينىڭ ئۆزىلا جاھانگىر دۆلەت، ئۇنىڭ خىتاي مىللىتىنى ئالىي ئىرق ھېسابلاپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى كەمسىتكەن ۋە يوقاتقان تارىخى بار. خىتاي بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخى خىتايدىن پەرقلىق بولغان ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ئىگە بولغان بۇ مىللەتلەرنى باستۇرىدىغان ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە».
جېففىرىي كەيىن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئامېرىكادا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆزلەشنى خالىمايدىغان سولچىلارنى كۆردۈم. چۈنكى ئۇلار خىتاينى تەنقىدلەشنى ئامېرىكىلىقلار ئەڭ قاچىدىغان ئىرقچىلىق دەپ ئويلايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دائىم تەنقىدلىيەلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى سولچىلار. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئادالەت مەسىلسىنى خىتاي پۇقرالىرىغا تاڭغىلى بولمايدۇ، بىز ئامېرىكادىكى ئىرقچىلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشى مۇھىم ئەمەس، دېيىشىدۇ. مەنچە بۇ بېكىنمىچىلىك ۋە پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەنلىك».
خىتاينىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى-تىك-توكنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ شوۋزى 23-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، تىك-توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەنىدى. جوۋ شوۋزى تىكتوكنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى Byte Dance (دوۋيىن)نىڭ تىك-توك ئابۇنتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى قىسمەن ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى.
جېففىرىي كەيىن بۇ ماقالىسىدە تىك-توك دىرېكتورىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى چۆرىدىگەن مۇنازىرىلەردە ئوتتۇرىغا چىققان سولچىلارنىڭ «تىك-توكنى چەكلەشكە دائىر قانۇن-سىياسەتلەر خىتاينى كەمسىتكەنلىك، قىزىل خىتايدىن ئارتۇقچە قورقۇپ كەتكەنلىك» دېگەندەك گەپلىرىنى تەنقىدلەيدۇ.
جېففىرىي كەيىن تىك-توكنىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش قىلمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «Byte Dance (دوۋيىن) خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى بىلەن بىر كېلىشىم تۈزۈپ، مەزكۇر مىنىستىرلىكنىڭ تەسىرى ۋە ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەردى. تىك-توك بۇنى ئورۇنلىدى، يەنى ئۆز سۇپىسىدا ئۇيغۇر كىرزىسىغا دائىر خەۋەرلەر ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرىقلىرىنى باستۇرۇپ قويدى. 2019-يىل نېۋ جېرسىي شىتاتىدىكى ياشلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئائىت بىر ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن، تىك-توك ئۇنىڭ ھېسابىنى تاقىۋەتتى. چۈنكى بۇ ۋىدىيو تىك-توك ئاممىۋى سىياسەت مەسئۇلى مايكول بېكىرمەننىڭ ئېيتقىنىدەك، ‹تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئېلان قىلماسلىق› قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان».
جېففىرىي كەيىننىڭ قارىشىچە، تىك-توك مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خىتاينىڭ دېپىنى چالىدىغان سولچىلار خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، ھەتتا ئۇنىڭغا شېرىك بولۇۋاتقان سىياسىي كۈچلەر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سولچىلارنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاتتى. ئۇيغۇرلارنى خورلاش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشۈمدىن كېيىن شۇنىڭغا بارغانچە ئىشەندىمكى، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلار خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن دوۋيىن شىركىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەقىپ-نازارەت سىناقلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش، چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشى ۋە تەنقىدلىرىنى يوق قىلىش. بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئەھۋال. تىك توك توغرىسىدىكى ئوچۇق مۇنازىرىلەرنى ‹خىتايغا ئۆچمەنلىك قىلىش› دەپ بىلىدىغانلار ئۇيغۇرلارغا قارشى ھۇجۇمنىڭ قاباھەتلىرىنى كۆرەلمەيۋاتقان ئادەملەردۇر».
تىك-توكنى چەكلەشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان سولچىلار كەلگۈسىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟ جېففىرىي كەيىن بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۇلار غەلىبە قىلالمايدۇ. تىك-توكنى چەكلەش ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى تىك-توكنىڭ ئامېرىكادىكى تىجارىتىنى سېتىشقا ياكى مەبلىغىنى چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. تىك-توك بەلكىم بۇ بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇشى مۇمكىن. دونالد ترامپ دەۋرىدە تىك-تىك غەلىبە قىلغاندى، ئەمدى غەلىبە قىلىشى ناتايىن. نۆۋەتتە، ئامېرىكادىكى بىر ياخشى ئەھۋال شۇكى، ئوڭچىلار (جۇمھۇرىيەتچىلەر) بىلەن ئاساسىي ئېقىمدىكى سولچىلار (دېموكراتلار) خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى. بىز دەۋاتقان سولچىلار، يەنى سوتسىيال ئادالەتچىلەر ناھايىتى ئاز ساندا، نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشكە ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ».