توكيودا چاقىرىلغان ئاتوم سىنىقى توغرىسىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقى مەخسۇس تېما بولغان

0:00 / 0:00

يادرو سىناقلىرىدىن سۆز ئېچىلغاندا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا خىروشىما بىلەن ناگاساكى كېلىدۇ. ياپونىيە ھازىرمۇ ئەتراپىدا خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىق يادرو قوراللىرى بىلەن قوراللانغان دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا قېلىغلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيەگە بولغان تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالماقتا. خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى تېز سۈرەتتە كۆپەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق بىر پەيتتە 16-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يادرو سىنىقىغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ۋە بۇنى ياپونىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يادرو سىنىقىغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ياپونىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو
ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يادرو سىنىقىغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ياپونىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو (RFA/Erkin Tarim)

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «14-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يادرو سىنىقى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەنۋەر توختى ئەپەندى، تەيۋەن دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسى دوكتور شى جىيانيۇ ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدىن مەن دوكلات بەردىم.» ساۋۇت مەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەزكۇر يىغىنغا ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر، يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 100 دەك كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ يادرو سىنىقى قىلىشقا نېمە ئۈچۈن لوپنۇرنى تاللىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى، خىتاينىڭ ئۇ سىناقنى قايتا باشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ساۋۇت مەمەت ئەپەندى بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

تەيۋەن دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسى دوكتور شى جىيانيۈ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو
تەيۋەن دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسى دوكتور شى جىيانيۈ سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو (RFA/Erkin Tarim)

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدە يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەش، يوق قىلىش كېرەكمۇ ياكى ياپونىيەنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قوراللىرى بىلەن قوراللىنىپ، يادرو ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىگە ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدە تالاش-تارتىش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن ھەپتە 70-80 يىلدىن بۇيان يادرو قوراللىرىغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر ئاممىۋى تەشكىلات نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا تاللاندى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن يادرو مەسىلىسى ۋە ياپونىيەنىڭ يادرو تەھدىتلىرىگە بولغان مۇئامىلىسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس مۇنازىرە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىز ئۇيغۇرلار لوپنۇردىكى يادرو سىنىقىنىڭ تەپسىلاتىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋاسىغا ھەمدە شۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە سالغان زىيانكەشلىكلىرىنى ياپونلارنىڭ سەمىگە سېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ياپونلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار بەرگەن مەلۇماتلار زور قىممەتكە ئىگە».

ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يادرو سىنىقىغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ياپونىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو
ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاينىڭ لوپنۇردا ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يادرو سىنىقىغا قۇربان بولۇپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنى ياپونىيە جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىر، توكيو (RFA/Erkin Tarim)

60 يىل بۇرۇن لوپنۇردا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان خىتاينىڭ بۇ جايدىكى ئاتوم سىناق بازىسى قۇرۇلۇشىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لوپنۇردىكى ھەربىي بازا قۇرۇلۇشى يادرو سىناق بازىسىنى ئاساس قىلىپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يادرو بومبىسىنى پارتلىتىشقا ۋە ئەجەللىك رادىياتسىيە كۈچىنى چەكلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان غايەت كەڭ ۋە ئۇزۇن تونېل قېزىلماقتا ئىكەن. لوپنۇر يادرو سىناق بازىسىدىكى بۇرۇنقى بىنالارغا، 2017-يىلدىن باشلاپ 30 نەچچە بىنا قوشۇلغان ياكى رېمونت قىلىنغان ئىكەن.