توكيودا چاقىرىلغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مۇھىم تېما بولغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.07.24
yaponiye-yighin ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» دا سۆزگە چىققانلارنىڭ بىر قىسمى. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكلەرنى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا كۈچلۈك سەھنە بولغان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە كۆپ ساندا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. مايك پومپېيو بۇ يىغىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىقارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ ماقۇللىنىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندى قاتناشقان. مەزكۇر يىغىن ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىشكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە دىنىي رەھبەرلىرى قاتناشتى. بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر كۆپ بولدى. يىغىندا ئاسىيادا دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى».

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، توكيو
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنى» دا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ مايك پومپېيونىڭ نۇتقىنىڭ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مۇھىم تەرىپى، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قانداق بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ قارارنى ئالغانلىقى توغرىسىدا بەزى سوئاللار بار ئىدى، بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بەرگەن بولدى. بۇ قارار-2021يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېرىلگەنىدى. ئۇ بۇ قارارنى ماقۇللاشتا سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندىنىڭ زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۇ قېتىم توكيودا چاقىرىلغان ‹خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي يىغىنىڭ› مۇھىم تېمىسى بولدى. سۆزگە چىققانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالدى.»

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 23-ئىيۇل، توكيو
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 23-ئىيۇل، توكيو
RFA/Erkin Tarim

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ تۈپ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سۆزۈمدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نېمىشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەيمىز؟ دېگەنگە ئىزاھلاپ بەردىم. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا قاتارلىق 11 دۆلەت پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىنى ئاڭلاتتىم. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتلىرى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاڭلاتقانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

ئارقىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ رايونغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى» تېمىسىدا سۆزلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سۆزلىگەن تېمام ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ رايونغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى بولغاچقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەتىنىمىزدە ئەمگەك كۈچىنىڭ كەملەپ كەتكەنلىكى، ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن نامراتلىشىپ، نوپۇسىنىڭمۇ شىددەتلىك ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقى ياكى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدىنىيەتىنىڭ بىر قىسمى قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ قاتتىق كۈچەۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق كېڭەشكە قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىندا مايك پومپېيو ئەپەندىدىن سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، پومپېيو ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا تەپسىلىي جاۋاب بەرگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ، ئۆمەر قانات ۋە مەمەت ساۋۇت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەندىن سىرت، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىنىڭ تۇنجى بولۇپ بىر ئاسىيا دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئىكەن.

***2024-يىلى 25-ئىيۇل سائەت 15:25 تە قىسمەن مەزمۇنلار يېڭىلىنىپ قايتا ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.