تولى ناھىيەسىدە ئالتۇن كان ئاچقان كانادا شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش گۇمانى قوزغىغان
2021.02.10
كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى» 2004-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەڭلىك مېتال گۇرۇھىغا قاراشلىق «غەربىي رايون ئالتۇن چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ، تولى ناھىيەسىدىكى خاتۇ ئالتۇن كانىدا ئالتۇن قېزىش ئېلىپ بارىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى» خاتۇ ئالتۇن كانىغا دەسلەپكى قەدەمدە 12 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ كاننىڭ 70% پېيىنى ئۇلار، قالغان 30% پېيىنى «غەربىي رايون ئالتۇن چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» ئىگىلىگەن. لېكىن «سۇلالە ئالتۇن شىركىتى» ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالتۇنلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
كانادادىكى «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە «سۇلالە ئالتۇن شىركىتى» خىتاينىڭ «شىنجاڭ غەربىي رايون ئالتۇن ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» بىلەن خاتۇ ئالتۇن كانىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى توغرىسىدا خىتاي سوت مەھكىمىسىدە داۋا-دەستۇرغا چۈشۈپ قالغان. «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى ئايۋى چوڭ «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دە «شىنجاڭ غەربىي رايون ئالتۇن چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ياردىمىدە «ئالتۇن كانىمىز» نى تارتىۋالماقچى، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۆزىمۇ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئايۋى چوڭ، خاتۇ ئالتۇن كانىنىڭ بۈگۈنكى قىممىتىنىڭ بىر مىليارد دوللارغا ئىكەنلىكى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بىر سېنتمۇ ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇ يەردە قانۇنى سىستېما يوق» دېگەن. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يېقىنقى 16-17يىل مابەينىدە قانۇنىي سىستېما بولمىغان بىر يەردە مەبلەغ سېلىپ، ئالتۇن قازغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق ئۇ تېلېفون ئالمىدى. كۆزەتكۇچىلەرنىڭ قارىشىچە، تولى ناھىيەسىدىكى ئالتۇن كاننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار بۇ ئىختىلاپتىكى ھالقىلىق نۇقتا، بۇ كاندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، «سۇلالە» شىركىتىنىڭ ئۇنىڭغا چېتىلغان-چېتىلمىغانلىقى ئىكەن.
ئايۋى چوڭ بۇ كاندا مەجبۇرى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان. بىراق كانادادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئېغىر زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغان ئىشلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوق دېيىش گۇمانلىق ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سۇلالە ئالتۇن شىركىتى قارامايغا ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە 7-8 دەك جازا لاگېرى بار. ئالتۇن كانلارنى ئېچىشتا نۇرغۇن خىمىيەلىك ئايرىغۇچى ماددىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇشۇنداق خىمىيەلىك ئېغىر زەھەرلىك مۇھىتتا ئىشلەيدىغان ئىشقا ئۇيغۇرلارنى سالمايدۇ، دېسە مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. جازا لاگېرى دېگەندە بىز كۆپرەك ئاقسۇ، خوتەن قەشقەرگە مەركەزلىشىپ قالدۇق. بىراق شىمالدىكى ئۇران، ئالتۇن، مەدەن كانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سانى يامان كۆپ».
خاتۇ ئالتۇن كانى تولى ناھىيەسى تەۋەسىدە بولسىمۇ، بىراق بۇ كاننىڭ ئورنى قاراماي شەھىرىگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭغا 65 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۆتكەن يىلى قارامايدا 6 يەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورنىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئىككىسى خىتاينىڭ «قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلىرىدۇر. كانادا ھۆكۈمىتى تېخى بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سودا ھۆججىتى ئېلان قىلىپ، كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ قالماسلىقىنى، بۇنىڭ قانۇنى بەدەل تۆلەش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ ھۆججەت كانادا پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمەتنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا قىستاۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. كانادا پارلامېنتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گارنېت گېنىيۇس باش مىنىستىر ترېدونى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشقا قىستىغان. بىراق ترېدو خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى بۇنداق دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز يىللاردىن بېرى خىتاي رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەپ كەلدۇق. بىز ھەر ۋاقىت دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرىپىنى تۇتىمىز. بىز خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. بىز ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا ئورگانلارنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىمىز».
كانادا بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان ئامېرىكا بىلەن شۇنداقلا باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن. ترېدو: «بىز قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا (خىتاينى) داۋاملىق ئوچۇق ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز. بىز ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ تونۇغانلىقىدىن خەۋەردار. بىز بۇ خەلقنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن
«سۇلالە ئالتۇن شىركىتى» دىكى ئايۋى چوڭنىڭ «يەرشارى ۋە پوچتا گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭدا سوت مۇستەقىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ داۋادا ئۆزلىرىنىڭ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇ بۇ داۋاغا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىىشىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە كانادانىڭ مەجبۇر ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىدە بىر بوشلۇق مەۋجۇت ئىكەن.
ئۇ «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى»، «كانادا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى» شىركىتىدەك كانادا كارخانىلىرىنىڭ بۇ بوشلۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ مەسىلە ھازىر كانادادىكى بىر قىزىق تېما بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى بۇ بوشلۇقنى قانداق تولتدۇرۇش ئۈستىدە باش قاتۇرماقتىكەن.
ئايۋى چوڭ، «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى» نىڭ «شىنجاڭ غەربىي رايون ئالتۇن كان چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» بىلەن بولغان داۋا دەستۇرىنىڭ 2016-يىلى باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ داۋاغا «شىنجاڭ غەربىي رايون ئالتۇن كان شىركىتى» نىڭ 2016-يىلى «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى» نىڭ خەۋىرىسىز «خاتۇ ئالتۇن كانى» نىڭ پاي چېكىنى خىتاينىڭ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىغا سېلىشى سەۋەب بولغانىكەن. بۇ ۋەقە خاتۇ ئالتۇن كانىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى كىمدە، دېگەن قانۇنىي ئىختىلاپنى تۇغدۇرغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن كانادانىڭ «سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى» خىتاينىڭ رايوندىكى سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلغان.