تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كېلەر ھەپتە بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.05.06
تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كېلەر ھەپتە بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلار بىلەن. 2021-يىلى 4-ماي، بېلگىيە.
RFA/Uyghur'ay

ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان. ھالبۇكى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك تور كېسىلىپ، بۇ پائالىيەت ئەمەلدىن قالغان ۋە كېلەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان.

4-ماي كۈنى بېلگىيە ھۆكۈمەت تورىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت كەڭ دائىرىلىك DDoS (تارقاق شەكىللىك تور مۇلازىمىتىنى رەت قىلىش) ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش توغرىلىق ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى، شۇنداقلا باشقا بارلىق يىغىنلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

«فۇدزىللا» تورىدا بۇ توغرىلىق ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىدەك گۇمان ئوتتۇرىغا چىققان.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەت بېلگىيەدىكى تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالغان پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزغا بىر قىسىم مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى.

لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرىدا مەجبۇرىي ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بۇلۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىيىن-قىستاقلارنى ھەمدە لاگېردىكى ئىچكىي ئەھۋاللارنى خەلقىئار جامائەتكە ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئۇنىڭ بۇ گۇۋاھلىقلىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى جەزىملەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە 4-ماي بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پائالىيەت كېلەر ھەپتە قايتىدىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ياش تۈرك پائالىيەتچىلىرىدىن ئەسما گۈنمۇ كۈچ چىقارغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىغان تور باياناتىدا، شۇ كۈنى قەلبىنۇر خانىمنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، قەلبنىۇر سىدىقنىڭ ناھايتى كۆچلۈك بىرئايال ئىكەنلىكىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا «بۈگۈنكىدەك مۇھىم بىر پائالىيەت بولىدىغان كۈندە تۇيۇقسىز كەلگەن تور ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭغا ھەتتا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، لېكىن ھېچقىسى يوق، بۇ بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى بىر باشلىنىشتۇر» دەپ يازغان. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە بولغانلقىدىن پەخىرلىندىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تور بېتىگە ئېلان قىلغان بايانتىدا كۆرسىتىشىچە، 4-ماي كۈنىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى بېلگىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومتېتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بېلگىيە ئ‍ۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى تەييارلىق قىلغان ئىكەن.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ بايانتىدامۇنداق دەپ يازغان: «يىغىن ئەمەلدىن قالغاندىن كىيىن ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى يېنىمىزغا كىلىپ ئۆزلىرىىنىڭ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتتى. قەلبىنۇر خانىمنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بېريۇسسېلغا كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى.»

قەلبىنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە ئا خ ت تېلېۋىزىيەسى قەلبىنۇر خانىمنى بېلگىيە پارلامېنتىدا زىيارەت قىلغان. ئۇ فرانسىيە تېلېۋېزىيەسىگە ئۆزىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىلىرىنى ئاڭلاتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 19-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە پارلامېتلىرى ئارقا-ئارقىدىن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قالغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايھەلىرى يېڭى زىللاندىيە پارلامېتىدىمۇ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مۇشۇندا بىر پەيتتە بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.