ئاتۇشتىكى بىر كەنتتە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان 10 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-09-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە بىر يىل بولۇۋاتقان مەزگىللەردە مەسچىت سىرتىدا ناماز ئۆتەۋاتقان كىشىلەر. 2010-يىلى 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە بىر يىل بولۇۋاتقان مەزگىللەردە مەسچىت سىرتىدا ناماز ئۆتەۋاتقان كىشىلەر. 2010-يىلى 2-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتىكى بىر كەنت ساقچىسى 65 ياشتىن يۇقۇرىلارنىڭلا ناماز ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يەنە بىر كەنت ساقچىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئۆز تەۋەلىكىدىن تۆۋەن كاپالىتى ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان 10 كىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ ساندا كىشىگە تۇرمۇش تۆۋەن كاپالەت پۇلى بېرىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى پۇقرالىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن، دائىرىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئاتۇشتىكى بىر كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭلا ناماز ئوقۇشىغا يول قويغان دائىرىلەر «دۆلەتتىن پۇل ئېلىۋاتقانلار دىنغا ئىشەنمەسلىكى كېرەك» بەلگىلىمىسى بويىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن. ئەگەر ناماز ئوقۇغانلىقى بايقىلىپ قالسا، تۆۋەن كاپالەت پۇلى كېسىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن

ئۆزىنىڭ بىر پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان قەشقەر دۆلەتباغدىكى بىر ئاھالە دۆلەتتىن پۇللا ئالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقىنى، شۇڭا ناماز ئوقۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قەشقەردە بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلۇۋاتقىلى 3 يىلچە بولغان ئىكەن.

ئۆز تەۋەلىكىدە قانچىلىك كىشىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان ئاتۇشتىكى مەزكۇر كەنت ساقچىسى، ئۆزى مەسئۇل كەنتتە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن «تەربىيىلەش» كە ئەكېتىلگەن 10 كىشىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىدى.

خوتەننىڭ زاۋا يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرى ئۆز مەھەللىسىدىكى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇنچە ناماز ئوقۇغانلاردىن مەمەتنۇرى مەتسىدىق ئىسىملىك 68 ياشلىق بىر كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۆز تەۋەلىكىدە ناماز ئوقۇماسلىقنى 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتتە ئومۇملاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان يەنە بىر كادىر، ئاھالىلەرنى نامازدىن ۋاز كەچتۈرۈشتە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى كېسىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2016‏-يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئۆيىدە بىكار تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، چوقۇم كوچا سۈپۈرۈش، ھۆكۈمەت بىنالىرىنى تازىلاش قاتارلىق ئاتالمىش «خالىسانە ئەمگەك» بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەكلىكى ئاشكارىلانغان. تۆۋەن كاپالەت پۇلى پەقەت 200 يۈەن بولغان ئۇيغۇر رايونىدا بۇ پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېھتىياجنىمۇ قامدىيالمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان قەشقەر ئاھالىلىرى خىتاينىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا «تېمىتقۇ» دەپ ئىسىم قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت