پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردىمۇ؟
2025.01.22

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 20-يانۋار قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى كۈنىلا بىر يۈرۈش مەمۇرى بۇيرۇقلارغا ئىمزا قويۇپ، ئۆزىنىڭ سايلام مەزگىلىدە دەرھال يولغا قويۇشقا ۋەدە قىلغان ئامېرىكانىڭ ئىچكى-تاشقى مەسىلىلىرىدىكى ھالقىلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتتى. 20-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا قەسەم بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ھەم ئامېرىكانىڭ «ئالتۇن دەۋرى» باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان پىرېزىدېنت ترامپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، كۈنتەرتىپىدىكى ھالقىلىق سىياسىي پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ناھايىتى تېز ھەرىكەتكە ئۆتتى. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى ئىمزالىغان مەمۇرى بۇيرۇقلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن، يەر شارى ھاۋا كىلىمات كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش، ئامېرىكانىڭ تاشقى ياردىمىنى توختىتىش، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، مېكسىكىدىن كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسۇش، سىياسىي پاناھلىقنى توختىتىش، ئاتا-ئانىسى ئامېرىكاغا قانۇنسىز كىرىپ ياكى ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىرىپ، ئامېرىكادا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇغما گىراژدانلىق ھوقۇقىنى توڭلىتىش قاتارلىق قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
پىرېزىدېنت ترامپنىڭ يەنە ئامېرىكاغا كىرمەكچى بولغان بارلىق كىشىلەرنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە» دە تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتكە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇشتا يېتەرلىك تەدبىرى بولمىغان دۆلەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشنى بۇيرۇغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئامېرىكا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ مۇئاۋىن تەتقىقات دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىن، ترامپنىڭ ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە ھازىر باھا بېرىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، ئەمما بىرىنچى قېتىملىق ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن كېيىنكى بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» ئۇچرىغانلىقىدا بىردەك مەيداندا تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەنكى ئىككى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىكى بۇ ئىزچىللىقنىڭ ئەھمىيىتى «ئىنتايىن مۇھىم» ئىكەن. پېتېر ئىرۋىن مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا توغرا باھا بېرىش ئۇنى تۈزەشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدۇر. ئەگەر بەزىلەردەك يۈز بېرىۋاتقان قەبىھلىكنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىمىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلغانلىق بولىدۇ».
پېتېر ئىرۋىن 22-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىگە ۋاقىت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەشتە تېخىمۇ كەسكىن بولۇشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. مەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، ماركو رۇبىيودەك كىشىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدىكى بىر ئىجابىي خەۋەر.»
ترامپ 20-يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئىمزالىغان بىر بۇيرۇقىدا، ئۇنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللىشىدا ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ماركو رۇبىيوغا كۆرسەتمە بېرىپ، تاشقى سىياسەتتە «ئامېرىكا بىرىنچى» دېگەننى چىقىش قىلىشنى بۇيرۇغانلىقى، بۇيرۇقتا: «بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئامېرىكانىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىشى، ھەر دائىم ئامېرىكانى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن. نۆۋەتتە، ماركو رۇبىيونىڭ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كونكرېت ئىجرائاتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە دىققەت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، بەزى ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ترامپ ئىمزالىغان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتكە ئائىت مەمۇرى بۇيرۇق ۋە «ئامېرىكا بىرىنچى» تاشقى سىياسىتىنىڭ بەلگىلىك ئىچكى تاشقى ئىپادىسى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ 21-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ سايلام مەزگىلىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئىجرائات جەريانىدىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ باھا بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن.
پىرېزىدېنت ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما 20-يانۋار ئىمزالىغان مەمۇرى بۇيرۇقىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىكتوكنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرگەن. پىرېزىدېنت ترامپ دۆلەت مەجلىسىدىكى قەدەم بېرىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ خىتاينى ئانچە تىلغا ئالمىغان، ترامپ خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇراسىمدا، پەقەت پاناما قانىلى ھەققىدە توختالغاندىلا خىتاينى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى. ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ستايتىن ئارىلى ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ، دونالد ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
شيا مىڭ 21-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شۇڭا مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن يەڭ ئىچىدە مەلۇم بىر كېلىشىمى بار. مەيلى تىكتوكنىڭ نۇقتىسىدىن قارايلى، ياكى خەن جېڭنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىدىن قارايلى ۋە ياكى ئۇنىڭ خىتايغا زەيتۇن شېخى ئۇزىتىپ، خىتاينى زىيارەت قىلىش، تېز ئارىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىنى ئىپادىلىشى بۇنى كۆرسەتمەكتە.»
شياڭ مىڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق خىتاي سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېگىلى بولمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق خىتاي سىياسىتى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتلىك بولدى. بولۇپمۇ سىز بۇنى خوڭكوڭ، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە ياكى تەيۋەن مەسىلىلىرىدە كۆرىسىز.»
لېكىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىكى پېتېر ئىرۋىن بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەزى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى بۇ جەھەتتىكى «ئىنتايىن مۇھىم» ئۇتۇقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. پېتېر ئىرۋىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جەرياندا ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى».
لېكىن پېتېر ئىرۋىننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇننى ئىزچىل ئۈنۈملۈك ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلىرىنىڭمۇ بۇ خىل قانۇنلارنى چىقىرىشىغا يېتەكلىشى كېرەك» ئىكەن.
ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن «ئەڭ چوڭ تەھدىت» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىگە ئامېرىكانىڭ يول قويۇشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ سىياسىتى «ئامېرىكا بىرىنچى» دېگەننى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينى ئاجىزلاشتۇرۇشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي، مېكسىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىگە قايتا قاراپ چىقىشنى، شۇنىڭدەك خىتاي، مېكسىكا ۋە كانادادىن «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە فەنتانىلنىڭ كىرىش» ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشنى بۇيرۇغان. پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنىڭ ئالدىدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن فەنتانىل، قانۇنسىز كۆچمەن مەسىلىلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
پىرېزىدېنت ترامپ شۇ كۈنى يەنە سابىق پىرېزىدېنت بايدېن دەۋرىدە ماقۇللانغان تىكتوكنىڭ تارقىتىلىشىنى توسۇش ھەققىدىكى قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ھۆكۈمەت تىكتوك مەسىلىسىنى «مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغۇچە» ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىقىنى بۇيرۇغان.