ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىغا تاللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسى دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.11.13
Marko-Rubio-Michael-Waltz-1920 ھازىرغىچە ۋەزىپىگە قويۇلۇشى مەلۇم كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغانلىرىدىن، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كابېنتقا ئېلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپ ئىككى ئايدىن كېيىن يەنى، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىنى تەشكىللەش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

ھازىرغىچە ۋەزىپىگە قويۇلۇشى مەلۇم كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغانلىرىدىن، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن بىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كابېنتقا ئېلىنىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 10-سېنتەبىر، فىلادېلفىيە.
جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2024-يىلى 10-سېنتەبىر، فىلادېلفىيە.
AP Photo/Matt Rourke

ھازىرغىچە ۋەزىپىگە قويۇلۇشى مەلۇم كىشىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئىسىملاردىن بىرى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل ۋالتىز (Michael Waltz) بولۇپ، ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ تاللانغان.

خىتاي كومپارتىيەسىگە قارىتا كەسكىن پوزىتسىيەسى بىلەن بىلىنگەن مايك ۋالتىز، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن يېقىندىن تونۇش بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەپ كەلگەن بىر سىياسەتچىدۇر. ئۇ، 2024-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» (Uyghur Caucus)نىڭ ئەزاسى بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، مايك ۋالتىزدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە پىششىق بولغان بىر شەخسنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مايك ۋالتىز ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خېلى ئوبدانلا بىلىدىغان بىرى. بولۇپمۇ يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە ئۇ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىق كۆڭۈل بۆلدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە كېلىشىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىدا ئاكتىپ رول ئالغان مايك ۋالتىز ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەر پۇرسەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ 2022-يىلى 12-ئايدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭمۇ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى چىقىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە «فوكس» تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ناتسىست ھاكىمىيىتىگە ئوخشاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قولىنى باغلاپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ جازا لاگېرلىرىغا سولاۋاتىدۇ. ئاياللارنى ئايرىپ، ئۇلارنى تۇغماس قىلىپ، ئاندىن ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولاۋاتىدۇ. ئۇ يەردە بۇ ئاياللار جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئامېرىكالىقلارغا تونۇشلۇق بولغان نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە ماركىلار پايدىلىنىۋاتىدۇ. مانا ئەمدى بۇ ماركىلار بېيجىڭ ئولىمپىكىگە مەبلەغ سالغۇچى بولۇۋاتىدۇ.»

مايك ۋالتىز ئەپەندى سۆزى داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن:

«بۇ شىركەتلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ئۇ يەرگە بارماسلىقى كېرەك. ھەم ترامپ ھۆكۈمىتى ھەم بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ زۇلۇمنى ‹داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغان. بۇ خۇددى 1940-يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش. بۇ تولىمۇ يىرگىنىشلىك، بىز بۇ شىركەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن مايكېل ۋالتىز ئەپەندى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ سابىق ئەسكىرى بولۇپ، ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇنداقلا قەھرىمانلىق مېدالى ئالغان. ئۇ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان. مايك ۋالتىز 2018-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، دۆلەت مەجلىسكە كىرگەن.

12-نويابىر كۈنى چىققان خەۋەرلەردە يەنە، دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى بەلگىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. 13-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن بۇ خەۋەرنىڭ توغرىلىقى دونال ترامپ تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئۇ، ماركو رۇبىيونى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ماركو رۇبىيوغا تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (53 ياش)، ئامېرىكادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ۋە شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدىكى كەسكىن مەيدانى بىلەن تونۇلغان.

كۇبانىڭ دىكتاتور كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن قېچىپ ئامېرىكاغا يەرلەشكەن بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان ماركو رۇبىيو، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئامېرىكادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشىدە ۋە ھەمدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ، خىتاي مۇئەسسەسەلىرىگە جازا تەدبىرى قويۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبتىن 2020-يىلى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 11 نەپەر ئامېرىكالىق سىياسەتچىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ۋەقە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماركو رۇبىيو «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ لايىھەلىگۈچىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ قانۇننى تۇنجى قېتىم 2020-يىلى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 2021-يىلى ماقۇللىنىپ، 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. شۇندىن بۇيان بۇ قانۇن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى ۋە ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادا جازا تىزىملىكىگە ئېلىنىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ قالغان ئىدى.

ماركو رۇبىيو ئەپەندى يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جازالارنى تەكشۈرۈش قانۇنى»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە جازا قانۇنى» قاتارلىقلارنىڭمۇ تونۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ھەمدە قوللىغۇچىسىدۇر. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان «خۇاۋېي» قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادا چەكلىنىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن توختاملاشماسلىقى، ئامېرىكانىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلماسلىقىغا دائىر سىياسەتلەرنىڭ بەلگىلىنىشىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان.

ماركو رۇبىيونىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ «شيېىن» ۋە «تېمۇ» قاتارلىق تور بەتلىرىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ شۇنداقلا يەنە، يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالىنا دوخاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىش مەزمۇن قىلىنغان دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال ئامېرىكانىڭ بۇ ئورگانغا بېرىدىغان ياردەم مەبلىغىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان ئالىنا دوخاننىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ماركو رۇبىيو ئەپەندى يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، «خىتاي مەسىلىسىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» دەپ ئاتالغان بىرلىك (IPAC) مۇ دەل ماركو رۇبىيو ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇ بۇ بىرلىكنىڭ 2022-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىغىمۇ ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، ماركو رۇبىيونىڭ خىتاينى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق بولغان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ھەقىقەتەنمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماركو رۇبىيو 2006-يىلدىن 2008-يىلغىچە فلورىدا ئىشتاتىدىن سايلانغان ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى بولغان، 2011-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ، 2016-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئالدىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىنى تالىشىپ، دونالد تىرامپنىڭ رەقىبى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ترامپ سايلانغاندىن كېيىن ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن.

ئامېرىكانىڭ ABC قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مايك ۋالتىز ۋە ماركو رۇبىيو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابېنتىدا مۇھىم ۋەزىپە ئېلىنىشىنىڭ دونالد ترامپنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.