ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەزكۇر قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى تەھلىل قىلىنغاندىن سىرت، تۈرك دۇنياسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى.

13-دېكابىر خىتاي تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئىستانبۇلدا «تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىلەردە چەمبەرلىتاش رايونىغا جايلاشقان تۈرك ئوچاقلىرىنىڭ يىغىن زالىدا دوكتور ئېلى ئەخمەتبەگ ئوغلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم ئىچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «تۈرك دۇنياسىنى يىپەك يولىنى خىتايلارغا تارتتۇرۇپ قويماسلىققا، تۈرك مىللىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرماسلىق» قا چاقىردى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قىممەتلىك يىپەك يولىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. شەرقى تۈركىستانسىز تۈرك مەۋجۇت بولمايدۇ، تۈركسىزمۇ شەرقى تۈركىستان بولمايدۇ. تۈرك مىللىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك.»

يىغىن بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتلىرى بىلەن داۋاملاشتى. تۇنجى دوكلات ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمنىڭ «شەرقى تۈركىستان ئۆرنىكىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» ناملىق دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مىسالغا ئىلىپ تۇرۇپ، سىياسىي ۋە تارىخى نۇقتىدىن «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا بولغان تەسىرى ئانالىز قىلىندى.

كەينىدىن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم «يىپەك يولى بويلىرىدىكى يەر ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا داڭلىق تۈرك زىيالىيسى دوكتور رامازان كۇرۇتئوغلى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن خىتاي، ئىسرائىل ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

دوكتور رامازان كۇرۇتئوغلى دوكلاتىدا خىتاي، ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچىكىنى ئانالىز قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى كۈرەشلىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىمۇ يورۇتۇپ بەردى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور رامازان كۇرتئوغلىنى زىيارەت قىلدۇق.

رامازان ئەپەندىم «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى يېڭى يەرشارىلىشىش قۇرلىشىدۇر. خىتاي ئامېرىكىنىڭ 1929-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنىغا ۋە ساتالماسلىق كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ بىر چىقىش ئېغىزى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ ئىمكانىيەتلەرنى خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە تۆۋەندىكى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئەگەر بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى مەۋجۇت بولىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش، خالىغان دىنىغا ئېتىقاد قىلىش، ئەركىن ئىبادەت، خالىغان كىشى بىلەن توي قىلىش دېگەندەك كىشىلىك ھوقۇق قىممەتلىرىنى قوغدايدىغان سىستېما قۇرلىشى كېرەك. بۇ مومكىن بولماي تۇرۇپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنى تۈركىيەدە توسالغۇسىز ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى خىيال قىلىشى ئەخمەقلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرى قان يىغلاۋاتقاندا 350 مىليون تۈرك راھەت ئۇخلىيالمايدۇ. خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى پۇل ۋە تىجارەت بولسا، تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىسى ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر.»

بىز بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىم «بىر يول، بىر بەلۋاغ» نىڭ ماھىيىتىنى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنى يورۇتۇش ئارقىلىق ئىلمىي يوسۇندا تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەركىبىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمنىڭ تەستىقى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە بۇندىن كىيىن خىتاي مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ راۋاجلاندۇرىدىكەن.