تۈركىيەدە تونۇلغان تۈركولوگ، يازغۇچى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەندە ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
83 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن پروفېسسور دوكتور تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندى ئۇزۇن يىل ئەنقەرە، فىرات ۋە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن سىرت قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىمۇ ئۆتىگەن. ئۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ كەلگەن ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە تارىخى مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلاتلارنى بەرگەن، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپلا قالماي تۈركىيەدىكى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنقەرەدىكى قارشىياقا مەسچىتىدە مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قارشىياقا مازارلىقىدا دەپىنە قىلىندى. مەرھۇمنىڭ دەپىنە مۇراسىمىغا كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئۇ يېتىشتۈرگەن تۈركولوگلار ۋە ئاۋام خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى.
مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەرھۇم تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندىنىڭ داڭلىق بىر تۈركولوگ ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە 36 كىتاب، 293 ئىلمىي ماقالە يېزىپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى، بۇلاردىن سىرت كۆپ ساندا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۇنجەر گۈلەنسوينىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ۋاپاتىغا قەدەر ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندى بىلەن 1994-يىلىدىن تارتىپ تونۇشقانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارغا كۆپ ياردەم قىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تۇنجەر گۇلەنسوي 1939-يىلى تۈركىيەنىڭ ئۇششاق ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1972-يىلىدىن2006-يىلى پېنسىيەگە چىققۇچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، ھاياتىدا 36 كىتاب يازغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «تۈرك تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك لۇغىتى»، «تۈركلوگىيە قوللانمىسى»، «تۈرك تىلى دىيالېكتلىرى» ناملىق كىتابلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.