خىتاي تۆت نەپەر تۈرك سودىگەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.03.13
aydin-dincher.jpg ئىستانبۇل مەدەن ئېكسپورت قىلغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئايدىن دىنچەر ئەپەندى.
RFA/Arslan

ئۆتكەن شەنبە، يەنى 9-مارت كۈنى خىتاينىڭ شيامېن شەھىرىدە ئېچىلغان «شيامېن تەبىئىي تاش ۋە تېخنىكا يەرمەنكىسى» دە تۆت نەپەر تۈرك سودىگەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

150 قا يېقىن تۈرك مەرمەر تاش ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى قاتناشقان بۇ يەرمەنكىدە تۆت نەپەر تۈرك سودىگەرنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى يەرمەنكىگە قاتناشقان تۈرك سودىگەرلەردە قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغان.

خىتاي تۇتقۇن قىلغان مەزكۇر 4 نەپەر تۈرك سودىگەر توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە 3 شىركەتتىن جەمئىي 4 نەپەر تۈرك سودىگەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسە، بەزى مەنبەلەردە بىر شىركەتتىن 4 تۈركنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«يېڭى ئاكىت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەگە مەدەن تاشقى ئېسىكپورتچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى مەۋلۇت قايا ئەپەندى شيامېن تەبىئىي تاش ۋە پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تۆت نەپەر تۈرك سودىگەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەۋلۇت قايا ئەپەندى ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئابدۇلقادىر ئۈنەننىڭ باشتىن تارتىپ ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ گۇاڭجۇدىكى باش كونسۇلى مەلىھ بورا كەرىمئوغلى ئەپەندىنىڭ شيامېنغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە 4 نەپەر تۈرك سودىگەرنىڭ ئۆتمۈشتە باج تۆلەشتىن قاچقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى تاش يەرمەنكىسىگە قاتناشقان 150 تۈرك شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتقانلىقى مەلۇم.

«يېڭى شەفەق» گېزىتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدىن نەقىل ئېلىپ 13-مارت خەۋەر قىلىشىچە، تۆت نەپەر تۈرك سودىگەر ئىلگىرى باج تۆلىمەي خىتايغا قانۇنسىز ھالدا 240 مىڭ توننا مەرمەر تاش كىرگۈزگەن ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە 3 تۈرك شىركىتىنىڭ 4 مەسئۇلىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەرلەردە يەنە تۈرك شىركەتلىرى خىتايغا قانۇنسىز يول بىلەن مەرمەر تاش كىرگۈزۈپ ساتقانلىقى ۋە 30 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى باج تۆلەشتىن قاچقانلىقىنى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈرك سودىگەرلەر خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆرۈشۈشكە باشلىغان.

مەرمەر تاش ساھەسىدىكى شىركەت باشلىقلىرى تۈرك سودىگەرلەرنىڭ 240 مىڭ توننا مەرمەر تاشنى خىتايغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگۈزۈشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇل مەدەن ئېكىسپورت قىلغۇچىلار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئايدىن دىنچەر ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، 6-مارتتىن 9-مارتقىچە داۋام قىلغان يەرمەنكىگە 150 تۈرك شىركىتى قاتناشقانلىقىنى، ئۈچ شىركەتنىڭ 4 نەپەر باشلىقىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە تۇتقۇن قىلىنىشىنى توغرا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە توغرا بولمىغان خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ‹تۇتقۇن قىلىنغانلار قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا مەرمەر تاش كىرگۈزۈپ باج ئوغرىلىدى› دەپ ئاساسسىز خەۋەر تارقاتتى. بۇ ھەقتە رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرى ھېچ بىر چۈشەنچە بەرمىدى. 240 مىڭ توننا مەرمەر تاش دېگەن ئون مىڭ دانە كونتېينېر ساندۇق دېگەن گەپ. بىر دۆلەتكە ئون مىڭ دانە كونتېينېر سانداقنى قانۇنسىز كىرگۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. پۈتۈن شىركەتلەرگە تۆھمەت قىلىشنى توغرا دەپ قارىمايمىز، ئەمما خىتاي بىز ئۈچۈن مۇھىم بىر بازار، بىزنىڭ ئۇلارغا ئېھتىياجىمىز بولغانغا ئوخشاش خىتاينىڭ بىزگە ئېھتىياجى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەت داۋام قىلىدۇ ۋە داۋام قىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

خىتاينىڭ تۆت تۈرك سودىگەرنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە يەنە «گەرچەك ھايات» («ھەقىقىي ھايات») ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۇلايمان شاھىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار باياناتلىرى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۈچلۈك ئىنكاسلىرى خىتاينى بىئارام قىلدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىم تۈرك شىركەت باشلىقلىرىنى خىتايدا تۇتقۇن قىلىشى ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ ۋەقەگە تىجارەت جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، تۈرك سودىگەرلەرنىڭ 240 مىڭ توننا مەرمەر تاشنى خىتايغا قانۇنسىز يول بىلەن كىرگۈزۈپ سېتىشى ئىمكانسىز بىر رەقەمدۇر. ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەن تەقدىردە خىتاينىڭ تاموژنا مەمۇرلىرىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇنچىۋالا زور مىقداردىكى مەرمەر تاشنى قانۇنسىز يول بىلەن خىتايغا كىرگۈزۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەقىل ۋە مەنتىقىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ ۋەقە بىزگە خىتاينىڭ بىر گۆرۈگە ئېلىش ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.