سىۋاستا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2019.04.29

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان سىۋاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق «دۇنيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
4-ئاينىڭ 26-27-كۈنلىرى سەلجۇقلۇ ئالائىددىن مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆپ ساندا مۇھىم شەخسلەر ئىشتىراك قىلغان. ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى رەئىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ھەر جەھەتتىن تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى، مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىيى دۇنيا جەمئىيىتى باشلىقى ئىس ئۆجالان ئەپەندى ۋە سىۋاس ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مەسئۇلى يۈسۈپ ئاققۇش ئەپەندىلەر سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. يىغىن ئىككى كۈن 3 قىسىم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن ئۆمەر راشىت ئاخمەت ئەپەندى «روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تراگېدىيەسى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. كېيىن «قۇددۇس ۋە ئەتراپىدىكى ئازسانلىق ئەرەبلەرنىڭ ھوقۇق ئەھۋالى» تېمىسىدا دوكلات بېرىلىپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
سىۋاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق «دۇنيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 27-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى رەئىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى «قەدىمدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ۋە ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن پاجىئە» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىيى دۇنيا جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمىن ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىغىننى بېسىم، زۇلۇم پەلەستىندە بولسۇن، روھىنگادا، شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈن تەرتىپ پەيدا قىلىش مەقسىتىدە چاقىرغان ئىدۇق. دوكلات بەرگۈچى كىشىلەر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، چاقىرىشتىكى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق دەپ ئويلايمەن».
شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى «دۇنيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىۋاستا چاقىرىلغان كۆپ ساندا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن پاجىئە» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە توختالغان. ئۇ، بۇ دوكلاتى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن ئاخىرىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ باياناتتا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ھەر خىل يوللار بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش، مەخسۇس ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاپ تۈرك ھۆكۈمىتىگە، تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇش قارار قىلىنغان. مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بەزى مەسىلىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ياخشى ئىيى، يەنى «ياخشى دۇنيا جەمئىيىتى» مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر تەشكىلات رامىزان ئېيىدىن كېيىنلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.