تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن يىغىنى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.06.04
تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن يىغىنى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تور ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمىن ئۆنەن. 2021-يىلى ئىيۇن.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا باشتا بولۇپ بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ خىتاي كومۇنىست پارتىيەسى بىلەن تور ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىننى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمىن ئۆنەن ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققيات پارتىيەسىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىن ئاخباراتقا يېپىق ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا نېمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇغبا ئەرجان خانىمغا ئىلتىماس قىلغان بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق. كېيىن مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بۇرسا ۋىلايىتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر فارۇق تەمىزتۈرك ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. بىزنىڭ «يىغىندا نېمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن تۈركىيە تەرەپنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدىكەن. بۇ ئۇزاقتا تۇرۇپ ئېچىلغان تور يىغىنى ئىدى. يىغىندا ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈدىغانلىقى قارار قىلىندى. بۇ يىغىننى پارتىيىمىزنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەسئۇل بولۇپ چاقىردى. لېكىن مەن بۇ توغرىلىق پارتىيىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن سورىغاندىن كېيىن ئاندىن سىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەي.»

1-ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى رەھبەرلىرى ۋە بۇرسا شەھەر باشلىقىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلماقتا. بۇرسا شەھرى 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان بىر شەھەرگە ئايلانغان ئىدى. بۇرسادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن خىتايغا قارىتا نارازىلىق پائالىيەتلىرىمۇ كۆپەيگەن ئىدى. بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بۇرسا شەھەر باشلىقى ئالىنۇر ئاقتاش ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بۇرسادىكى مەسئۇلى ئۆمەر فارۇق تەمىزتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەفگان ئەلا ئەپەندى بۇرسادىن سايلانغان بولغاچقا، مۇشۇنداق بولدى. بۇنىڭ باشقا بىر سەۋەبى يوق دەپ ئويلايمەن.»

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تور يىغىنلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىغا قارايدىغان بولسا، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ پايدىسى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان بۇ خىل يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ 56 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خىتاي كومۇنىست پارتىيەسى بىلەن بۇنداق يىغىنلارنى ئېچىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاخباراتقا يېپىق يىغىن چاقىرىشىنىڭ نۇرغۇ نلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا گۇمان پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئەۋەتكەن ئالاھىدە ھەيئەت بىلەن ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە بىر يىغىن چاقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىققا ئۇچىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.