تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى: «غۇلجا قەتلىئامى بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشىدۇر»
2025.02.07

ئەنقەرەدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى «گراند دورا» مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش خانىم، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندىلەر قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن 28 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن غۇلجا قەتلىئامىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپەسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپەسى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ۋەخپەسى، يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋەخپەسى، ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپەسى، ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەخپەسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يۇقىرىقى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى: «مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، بارىن ئىنقىلابى ۋە 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمەن. خىتاي، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا سىستېمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 28 يىل بۇرۇن، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجادا تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى قەتل قىلغان ئىدى. 5-فېۋرال، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئۇنتۇلماس بىر كۈندۇر. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۈكۈتىنى بۇزۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئارقىدىن «سائادەت» پارتىيەسى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا ئەپەندى سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان، ھەر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋىرى كەلگەندە يۈرەكلىرىمىزگە ئوت كېتىدىغان بىر يەردۇر. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم تىلەيمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلىك بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا تەڭپۇڭلۇققا قۇربان قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسەتنىڭ ئۈستىدە تۇتساق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ياردەم قىلغان بولىمىز. بۇندىن 28 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.»
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز ‹ئىيى› (ياخشى) پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر كۈنىدۇر. غۇلجا قىرغىنچىلىقى بۇندىن 28 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. مەن پارلامېنتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىۋاتىمەن. بۇ ھەقتە قارار لايىھەلىرى سۇنغان بولساقمۇ رەت قىلىندى. بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى ئۇنتۇمايمىز ۋە ھەر ۋاقىت خىتايدىن بۇنىڭ ھېسابىنى سورايمىز.»
مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە، پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ، ياخشى پارتىيەسى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى دوكتور يەنەر يىلماز ئەپەندى، تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پىروفېسسور دوكتور فىلىز ئاۋشار خانىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپەسىنىڭ رەئىسى جاۋىت داك ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.
كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سىياسەت مەركىزى بولغان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.