يەنەر يىلماز: «تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلاپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا تىرىشىمىز»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.12
Yener-Yilmaz-1024 «ئىيى» پارتىيەسى ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى، پېشقەدەم سىياسىيون، سابىق پارلامېنت ئەزاسى يەنەر يىلماز زىيارەتنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 29-نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسى ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى، پېشقەدەم سىياسىيون، سابىق پارلامېنت ئەزاسى يەنەر يىلماز ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 
 
يەنەر يىلماز ئەپەندى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ياش ۋاقتىمدا قىزىقىشقا باشلىغانىدىم. ئۇ، يىللاردا ‹ئەسىر تۈركىي خەلقلەرنى ئازاد قىلايلى› شوئارى ئاستىدا پائالىيەت قىلاتتۇق. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ھەققىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇراتتۇق. تۈركىيەمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغانىدى، لېكىن بارلىق تۈرك خەلقى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ ئىتتىپاقلىشىپ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازادلىق كۆرۈشىنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋاقتىمدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئېلىپ، خىتاي سىياسەتچىلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئۇلار ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى دەپ يالغان تەشۋىقات قىلغانىدى.» 

 يەنەر يىلماز ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەققانىي كۆرۈشىدە، تۈرك خەلقىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانلار بىرلىشىپ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. 2025-يىلىغا كىرگەن بۇ كۈنلىرىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر تۈركلىرى تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەت. پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇيغۇرلارنى قوللىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.» 

«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى ئۆتكەندە 2 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لايىھە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇلارنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى. يەنەر يىلماز ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان سىياسىتىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولغىنىدەك پارتىيەمىزدە چەت ئەلدىكى تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىك بار. ئىيى پارتىيەسىدىن بولغان ھەربىر پارلامېنت ئەزاسى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە بىزنى قوللىغۇچىلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. پارتىيەمىز 2 قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنغانىدى، لېكىن بۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئۇنى قوللىغۇچى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى. پارتىيەمىز كۈچلەنسە، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز. ھازىرچە بىز قىلالايدىغان ئىشلار ئەنقەرەدىكى 24 ناھىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت.» 

يەنەر يىلماز ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەنىڭ 24 ناھىيەسىدە شۆبىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ يەرلەردە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

سىياسەتچى يەنەر يىلماز ئەپەندى كۆز دوختۇرى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆز داۋالاش ساھەسىدە ئىشلەپ خەلق ئىچىگە ياخشى تونۇلغان. ئۇ، 1957-يىلى تۈركىيەنىڭ ئوردۇ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1999-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا «توغرا يول» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆز دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن يەنەر يىلماز ئەپەندى 1983-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كۆز دوختۇرى ۋە دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان. يەنەر يىلماز ئەپەندى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.