نامايىشتا تۈرك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كەچۈرۈم سورىدى
2022.11.30

24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيە مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 30-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈرك ساقچىلىرى قاتتىق قوللۇق قىلىپ تارقاپ كېتىشكە زورلىدى ۋە تۇتقۇن قىلىپ چېگارادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى. نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇشلىرىغا ئولتۇرۇۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «قاتىل خىتاي ھېساب بەرسۇن»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
تۈركىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىن كېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە بەزلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ سۆرەپ كونسۇلخانا ئالدىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىراق نامايىشچىلار چېكىنمەستىن ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ شوئار توۋلاشنى داۋام قىلدى.
خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا ئۆزىنى ساقچى باشلىقى دەپ تونۇتقان ۋە بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان بىر ساقچى ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ، بىردەمدىن كېيىن «ھەممىڭلارنى سۈپۈرۈپ تازىلايمىز، تۇتقۇن قىلىپ چېگارادىن چىقىرىۋېتىمىز» دېگەندەك سۆزلارنى قىلدى. نامايىشچىلار تېخىمۇ غەزەپلىنىپ تىركەشكىنىچە نامايىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ساقچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن قاتتىق نارازىلىق ۋە غۇلغۇلا پەيدا بولدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كۆپلىگەن تۈرك خەلقى نامايىش مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
تۈرك ژۇرنالىست ئادەم ئۆزكۈسە ئەپەندى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قوللىدى ۋە سۆز قىلىپ، ساقچىلارنىڭ قاتتىق قوللۇق قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەر ۋە ساقچىلارنىڭ پوزىتسيەسىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز، بۇ سىن كۆرۈنۈشتىكى ساقچىنىڭ قاتتىق قول مۇئامىلىسى تۈركىيە خەلقىنى چوڭقۇر قايغۇلاندۇردى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى چېگارادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلىش دۆلىتىمىزگە ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قوپاللىق قىلغان ساقچىنىڭ بېشىغا مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ ساقچىمۇ مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش پوزىتسىيە بىلدۈرەتتى. بۇلارنىڭ پائالىيىتى ھەر ئىنساننىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ پائالىيىتىنى قوللايمەن ۋە تەبرىكلەيمەن».
ساقچىلارنىڭ قىلمىشى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تۈرك ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان قاتتىق قول مۇئامىلىسىگە قارىتا ئۆزىنىڭ تىۋېتتىر ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. باياناتتا مىنىستىر سولايمان سويلۇ ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئەتىگەندە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا نامايىش قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يولنى تۇسىۋالغانلىقى ئۈچۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ساقچىلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. ئەلۋەتتە ھەر دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز باردۇر، ساقچى خادىملىرىمىز بۇ مەسىلىگە شۇ سەۋەبتىن سەزگۈر قارايدۇ، ئەمما بىخەتەرلىكنى قوغداش جەريانىدا ئېغىزىدىن چىققان بەزى ئىپادىلەر مەقسەتتىن ھالقىپ كېتىپتۇ. بۇنداق سەزگۈر بىر ۋەزىپىدە بۇ خىل ئىپادىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. تۈرك قان سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مۇددەتسىز ئىقامەت بېرىش ۋە تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈش ئىشلىرىدا مەخسۇس ئىشخانا ئېچىپ ئالاھىدە خىزمەت قىلىۋاتىمىز ھەم بۇ خىزمەتنى مەجبۇرىيىتىمىز دەپ بىلىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەپسۇسلانغانلىقىمىز ۋە قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز».
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ باياناتىدا يەنە «بۇ كۆڭۈلسىز ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش باشلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىپادە قوللىنىپ خاتا چۈشىنىشكە سەۋەب بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ توغرىدا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ سارىيەردىكى ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ بۇ ھەقتە جاۋاب ئالالمىدۇق.
ئىستانبۇلدىكى نامايىش جەريانىدا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ ئائىلىسىدىن بەش كىشى ۋاپات بولغان مۇھەممەد، تارقاپ كېتىشكە زورلىغان ساقچىلارغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن يەتتە يىلدىن بۇيان ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانىدىم، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، قېرىنداشلىرىم ۋە ئانام ئوتتا كۆيۈپ ۋاپات بولدى، مۇشۇ ئەھۋالدا مەن قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالايمەن. مەن بۇ يەردە خىتايغا نارازىلىق ئاۋازىمنى ئاڭلىتالمىسام ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ ئەگەر مەن مۇسۇلمان بولمىغان بولسام ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولاتتىم، مەن بۇ پاجىئەگە پەقەت چىدىيالمىدىم».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ساقچىلارنىڭ بۇ خىل تەھدىتى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. چۈنكى تۈركىيە يالغۇز شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ، بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان قېرىنداشلار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىپادە بىزنىڭ غەزىپىمىزنى كەلتۈردى».
مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراپ ئېلان قىلغان باياناتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ باياناتنى «رەنجىگەن كۆڭۈلگە ئاز بولسىمۇ سۇ سەپتى دەپ قارايدىغانلىقى» نى ئىپادىلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 60 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا نامايىشى قىلىش مەقسىتىدە يېقىنلاپ بېرىش ئۈچۈن سەھەر ۋاقتى سائەت 5:00 ئەتراپىدا يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولغان ۋە ساقچىلار ئۇلارنى توسۇپ قېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىكەن.
مىرزائەخمەت ئىلياسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ئىنتايىن ئۆنۈملۈك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ، خەلق ھەرىكىتى نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ھېچ قانداق تەشكىلاتنىڭ نامى ئىشلىتىلمىگەن.