تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 147 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

21-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۈركىيەدە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 147 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسۇر جالال ئەرباي، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شۇنداقلا ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسۇر جالال ئەرباي ئېچىلىش سۆزى، قىلىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 21-ئاۋغۇست، تۈركىيە.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 147 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى. بۇلاردىن ئىككى نەپىرى ئۆزلىرى ئوقۇغان ئۇنىۋېرىستېتلەردە ئۇنىۋېرىستىت بويىچە بىرىنچىلىك بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى. بۇلاردىن بىرسى ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللاھ مۇھىددىن ئوغلى، يەنە بىرسى تەجدىد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد ئۆمەر يۈكسەلدۇر. بۇلار بىزنى غۇرۇرلاندۇرىدۇ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار، ئىستىقبال بىزنىڭدۇر، ئىستىقبال كۆك بايراقنىڭدۇر. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزنىڭ غۇرۇرىمىزدۇر. ئاللاھ خالىسا ئۇلار تېخىمۇ ئۆرلەپ ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىچە ئوقۇشنى داۋام قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ غۇرۇرلىنىمىز، پەخىرلىنىمىز، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ھەممىمىز خۇشال بولىمىز، تۈركىيە خەلقىمۇ خۇشال بولىدۇ، ھەممىمىز بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن، كۆك بايراقنىڭ جەۋلان قىلىپ يەلپۈنگەن كۈنلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يولىمىزنى داۋام قىلىمىز.»

يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بىلىملىك ئىنسانلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دەۋا ئوقۇغان، بىلىملىك، قەلبىي كۆكسى دەۋا ئوتى بىلەن يېنىۋاتقان، يۈرىكىدە دەۋا ھېس-تۇيغۇسى بولغان، مىللىتىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يەتكەن ياشلارغا ئېھتىياجى بار.»

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، ئوقۇش پۈتتۈرگەىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەن-خەلقى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى ۋە مەسئۇللىيەتلىرىنى خاتىرلىتىپ ئۆتتى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيار يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئېزىلىۋاتقان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى چەت ئەللەردە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىنسان ۋە مەدەنىيەتلەر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كەمال ئۆزدەن ئەپەندى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى. ئۇ بۇ ياشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازىنىشقا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى دەيمەنكى، ئەگەر مېنىڭ قولۇمدا ئىمكانىيەت بولسا، دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالغۇدەك كۈچ-قۇدرىتىم بولغان بولسا ئىدى، تۈنجى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولاتتىم، چۈنكى دۇنيا مىقياسىدا بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تېخى بۇنداق بىر ۋەھشىيلىك، بۇنداق بىر زۇلۇم باشقا ھېچ يەردە كۆرۈلۈپ باقمىدى.»