تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2024.10.15

10-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تارمىقىدىكى «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» نىڭ يىغىنىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەزكۇر يىغىندا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. خىتاينىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تارقاتقان بەلگىلىمىسە ئەقەللىي دىنىي پائالىيەتلەرمۇ چەكلەنگەن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى يېزىلغان.»
يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان: «شەرقىي تۈركىستاندا رومال سېلىش، چۈمبەل ۋە ساقال قويۇش چەكلەنگەن. ئىسلام ۋە تۈركلۈكنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىسىملارنى قويۇش چەكلەنگەن. قۇرئان قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش ۋە ئۆيدە قويۇش چەكلەنگەن. ناماز ۋە دۇئا قىلىش چەكلەنگەن. بولۇپمۇ دۆلەت كادىرلىرى ۋە 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ دىنىي ئىبادەت قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىش چەكلەنگەن. ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش چەكلەنگەن. مېيىتلارنى ئىسلام ئادىتى بويىچە يەرلىككە قويۇش، يەنى جىنازا نامىزى چۈشۈرۈش چەكلەنگەن. روزى تۇتۇش ۋە باشقىلارغا ئىپتار بېرىش چەكلەنگەن. ئەگەر بۇلاردىن بىرىنى سادىر قىلسا تۈرمە جازاسى بېرىلىدىكەن.»
بۇ يىل 3-ئىيۇل كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان سەلچۇق تۈركئوغلۇ سۇنغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر كومىتېت قۇرۇلماي، ئەكسىچە «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ناملىق كومىتېت تەسىس قىلىنغانىدى. پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزگەنىدۇق. مەن 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان شاھىتلارنىڭ يېقىنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانىدىم، تېخى جاۋاب كەلمىدى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»
8-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلارنى سۇنغانىدى. ئۇ، مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن 10-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن 11-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانى بولغان «CGTN türk» گېزىتى «سەلچۇق تۈركئوغلۇدىن رىۋايەتلەر» ماۋزۇلۇق خەۋەرگە يەر بەردى. خەۋەردە پارلامېنت ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى يېزىلغان.
د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تارمىقىدىكى ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇلار بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېرىيال توپلاپ، دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامېنتقا سۇنسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ياكى بۇ ھەقتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەقتە بەكلا كەچ قالدى دەپ ئويلايمەن.»
تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن 12 نەپەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن 6 نەپەر، يېشىل سول پارتىيەسىدىن 3 نەپەر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، ئىيى پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسىدىن 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر كومىتېت تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنىدىكەن.