تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 40 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىرى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى: «پەرھات قۇربان مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستى ئىدى. ئۇ پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلدى. ئىلىم ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى سەنئەت ئارقىلىق تونۇشتۇرۇشتا تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ» دەپ باھا بەردى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى تەرىپىدىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرۇلغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنى خاتىرىلەش ۋە ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمىدا قىلغانىدى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مەرھۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبەر ۋە ئەزالىرى، جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئېگې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت مۇراسىمدا مەخسۇس پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەش بىلەن ئۇنىڭ ھايات يوللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىياسىي دەۋاسى يولىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەرھۇم قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ مۇھىم كىتابلارنى يازغانلىقىنى بۇ كىتابلىرىدا، تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرى ۋە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇ كىتابلارنى يازغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە خەتمە قۇرئان قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كېيىن مەرھۇمنىڭ قىزى، تۈركىيەدە تونۇلغان مۇزىكانت گۈلدىيار تەڭرىتاغلى سۆز قىلىپ دادىسىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ، مەرھۇم دادىسىنىڭ بەك تىرىشچان، بىر مىنۇتمۇ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ سەنئەت بىلىمى ساھەسىدە دادىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يەنى 2021-يىلىدىن 2023-يىلى 7-ئايغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ھەمدە 2019-يىلىدىن 2023-يىلى 8-دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە بىر قانچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى تەشكىللىگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغانىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم سۆز قىلىپ، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە رەئىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاپ ۋە خىزمەتلىرىنى بىرمۇبىر تەكىتلەپ ئۆتتى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا پەقەت ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەرھۇمنىڭ دوستلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرىمۇ كېلىپ قاتناشتى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئەركىن ئەمەت بولۇپ، ئۇ ئەنقەرەدىن مەخسۇس بۇ پائالىيەتكە كېلىپ قاتنىشىپ، مەرھۇم بىلەن ياش ۋاقىتلىرى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلىرىنى بىرمۇبىر كۆرسىتىش ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى، ئىدىيەسى، ئوي-پىكىرلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق ۋە تەسىرلىك مەلۇمات بەردى.
ئۇ، سۆزىدە، مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇغان. 1980-1984-يىللىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تەربىيە ئالغان. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان. ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە خىتاي ھەم ئۇنىڭ سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت دىسسېرتاتسىيە، ئىلمىي كىتابلار ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيەسى: خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى» ، «خىتايدىن ئاشكارىلانغان لاگېر ھۆججەتلىرى: قاراقاش تىزىملىكى»، «يېڭى خىتاي-جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن يېڭى جاھانگىر كۈچ»، «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى» ۋە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى تەييارلانغان «كۆك تاشلىق كىتاب» قاتارلىقلاردۇر.
پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئۆز نامزاتلىقىنى كۆرسىتىپ سايلام پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانىدى.
پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 2023 يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا 61 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.