تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «ئەگەر تۈركىيەمۇ بىزنى سىغدۇرمىسا، بىز نەگە كېتىمىز؟»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-01-06
Share
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «ئەگەر تۈركىيەمۇ بىزنى سىغدۇرمىسا، بىز نەگە كېتىمىز؟» ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس دوغان ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

2020-يىلى 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز-ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ رەسمى ئىجرا قىلىنىش-قىلىنماسلىقى تۈركىيە پارلامېنتنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغان.

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە بۇ كېلىشم ھەققىدە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى تۈركىيەدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ خىتايغا قېچىپ كەتكەنلەرنى تۇتۇش ئەمەس. ھېچكىم تۈركىيەدىن خىتايغا قاچمايدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق، يەنى خىتايغا قارشى تۇرغان ياكى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغۇزۇش، شۇنداقلا تۈركىيەدىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر. يىقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئۇيغۇر ياشلار ساقچىخانىلارغا، ‹قايتۇرۇلۇش مەركىزى› گە ئېلىپ كېتىلىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھازىرلىقمىكىن، دەپ قارايمەن.»

ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئىلياس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە رەسمىي شەكىلدە ئادۋوكاتلارغا ۋاكالەت بەرگەن، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئالتە نەپەر ئۇيغۇر بار ئىكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئىستانبۇلدىن باشقا شەھەرلەردىمۇ تۇتۇلغانلار بولۇپ، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 20 دىن ئاشىدىكەن.

ئۇلاردىن بىرى ئىستانبۇلدىكى «قۇتادغۇ بىلىك» كىتابخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئابدۇلقاھار ئابدۇلئەزىز بولۇپ، ئۇ 30-دىكابىر كۈنى ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

«قۇتادغۇ بىلىك» كىتابخانىسىنىڭ ساھىبى ئابدۇللاھ تۈركىستانى ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئابدۇللاھ ئەپەندى 4-يانۋار ئابدۇلقاھارنىڭ ئادۋوكاتى مۇرات چىچەكلى ئەپەندى ئارقىلىق ئابدۇلقاھارنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ ساقچىخانىسىدىن ئىستانبۇل چاتالجا تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان.

بىز ئابدۇلقاھارنىڭ ئادۋوكاتى مۇرات چىچەكلى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مۇرات ئەپەندى ئابدۇلقاھارنىڭ دېلوسىنى مەھكىمىگە سۇنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر ئىدارىسى (ئابدۇلقاھارنىڭ) ھۆججەتلىرىنى مەھكىمىگە ئەۋەتسە، پەيشەنبە ياكى جۈمە كۈنى مەھكىمە قارار قىلىدۇ. نەتىجىسىنى مەن جۈمە كۈنى ئۇقتۇراي.»

ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلقاھارنىڭ پاسپورتى يوق بولۇپ، تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت) ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئىكەن. 23-دىكابىر ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن.

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 30-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ 2020-يىللىق تاشقىي سىياسىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا خىتاينىڭ تۈركىيەدىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى. بىز خىتايغا تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئېنىق ئايرىشى كېرەكلىكىنى، ‹تېررورلۇق› نى باھانە قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلقاھار كىتابخانىدىن نېرى كەتمەيدىغان، ئۆز ئىشى بىلەنلا مەشغۇل بولىدىغان، يۇۋاش، سەمىمىي بالا ئىكەن.

تۈركىيەدە ئابدۇلقاھارغا ئوخشاش تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ ئىكەن. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش 2020-يىلى 20-نويابىر كەچ سائەت 12 يېرىملاردا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 20-نويابىر كېچىدە يۈر بەرگەن ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى ۋە ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا سورىغان سۇئاللىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ ساقچىخانىدىكى ساقچى ۋە مۇدىرلارنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئۇنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەسەللىي بېرىپ تۇرغانلىقنى ئېيتتى.

تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزچىل ۋەدىلەرنى بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسى بارغانسىرى كۈچەيمەكتىكەن.

2019-يىلى 6-ئايدا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۈركىيەدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەت، يەنى تاجىكىستان ئارقىلىق ئىككى پەرزەنتى بىلەن غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

رادىيومىز مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش جەريانىدا شۇ قېتىم تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ يالغۇز زىننەتگۈل بىرلا كىشى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 5 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇۋانخان ھەمزە ئىسىملىك يەركەنلىك بىر ئايالنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. يىقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2018-يىلى 27 ياشلىق مۇھەممەدئىمىن سابىر ئىسىملىك ياشمۇ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى تۈركىيەگە ھەر خىل يوللار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «بىرىنچىدىن، چېگرادىن كىرگەندە قولىڭىزغا بەرگەن ساياھەت قەغىزى ئارقىلىق كىملىكىڭىزدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر مەسىلە بولۇپ قالغان بولسا مەھكىمە ئارقىلىق تۈزىتىۋېلىڭ. ئىككىنچىدىن، تۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، تەمتىرىمەستىن ئادۋوكات تەلەپ قىلىڭ ۋە ئادۋوكات يېنىڭىزدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھېچقانداق ھۆججەتكە قول قويماڭ.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە ياشاۋاتقان بولسۇن، ئەگەر ئۇلار ھەر قانداق بىر سەۋەپ بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇدۇل لاگېرغا ياكى تۈرمىگە تاشلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «لاگېر مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ ئورۇنلار ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى›» دەپ تەشۋىق قېلىپ كەلمەكتە. ئەمما نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدى گۈلباھار جېلولوۋا خانىمنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدىكى زۇلۇم ھەققىدە ئېيتقانلىرى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىدۇ: «قىيىن-قىستاققا چىدىماي ساراڭ بولۇپ قالغانلار بەك كۆپ. ئۇ يەردە ھەممەيلەن ئۆلۈمنى كۈتۈۋاتىدۇ.»

ئابشۇشۈكۈر ئەپەندى ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مۇنۇلارنى خىتاپ قىلدى: «ئەگەر ئاشۇ كېلىشىم ئىمزالىنىپ دىنداش، قانداش تۇرۇپ سىلەر بىزنى سىغدۇرمىساڭلار، بىزنىڭ كېتىدىغان باشقا يېرىمىز يوق.»

بۇ كېلىشىم2017-يىلى تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ۋە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، گەرچە خىتاي تەرەپ يېقىندا ئۇنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە بۇ كېلىشىم تېخىچە تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت