8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر نوپۇسى كۆپ ناھىيەلەردىن بىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋولقان يىلماز ئەپەندى ئاتا-ئانىسى ۋەتىنىدە خىتاي لاگېر ۋە تۈرمىلىرىگە سولىنىپ، تىرىك يېتىمغا ئايلانغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا دالا سەيلىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلار ناھىيە باشلىقىدىن ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بالىلار ئوينايدىغان باغچە ياساپ بېرىشكە ئوخشاش بىر يۈرۈش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىلىۋرىدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى» ناملىق ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇبىنۇر ئۆمەرجان خانىم مۇنداق دېدى: «بىز سىلىۋرە سېلىمپاشا مەھەللىسىدىكى ‹ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى› ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سېلىمپاشا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى 21-ئاۋغۇستتا سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋولقان يىلماز ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بويىچە دالا سەيلىسىگە قاتناشتۇق. ناھىيەنىڭ ھاكىمى 5 ئاپتوبۇس يوللاپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى دالا سەيلە پائالىيىتى ئورنى تەييارلاپ قويغان ئورمانلىققا ئاپاردى. بىز ئالدى بىلەن بۇ يەردە ناشتا قىلدۇق، ئاندىن كېيىن بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولدى. ئۇيغۇر بالىلار بەك خۇشال بولدى».

«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى» ناملىق ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر 2017-يىلىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلار بولۇپ، بۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنغان سىلىۋرى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ۋولقان يىلماز ئەپەندى بۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەن. ھەمدە ئۆزى بۇ دالا سەيلىسىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. سۇبىنۇر ئۆمەرجان خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «چۈشتىن كېيىن سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ باشلىقى ۋولقان يىلماز ئەپەندى يېتىپ كەلدى. ئۇ بالىلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ، بىز گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىن يىراقتا بولساقمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان دائىم بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە، بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. قانداق قىيىنچىلىقىڭلار، تەلىپىڭلار بولسا ماڭا دەڭلار، دېدى. ئۇيغۇر بالىلار بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى».

سۇبىنۇر ئۆمەرجان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە دالا سەيلىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلى ئويناپ، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئورۇنلىغاندىن كېيىن ناھىيە باشلىقىغا بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. ناھىيە باشلىقى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە باغچە ياساپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇ، بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ھاكىمغا ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل بولغان ساما ئويناپ بەردى. ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ بەردى. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى. سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ بۇنداق كۈتۈۋېلىشى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تېخىمۇ مۇھىمى بولسا ‹ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك يۇرتى› ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىسى ۋەتەندە لاگېرلارغا سولىنىپ قالغان شۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش، خوش قىلىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ۋولقان يىلماز ئەپەندى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان سېلىمپاشا مەھەللىسىگە ئۇيغۇر بالىلار ئوينايدىغان باغچە بىلەن دالا سەيلىسى قىلىدىغان يەر ياساپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى».

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان فىلىز ئادىگۈزەل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مېنىڭ قانىغان يارامدۇر. مەن ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن. سىلىۋرىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى ماڭا بېرىلگەن ئامانەت دەپ كۆرىمەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرغىچە قولۇمدىن كەلگەننى قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلىمەن. 4 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن، سېلىمپاشا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلدۇق. بۇ قېتىمقى دالا سەيلىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. بۇندىن بۇرۇن رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردۇق. قۇربان ھېيتتا ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق گۆشى تارقاتتۇق. قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردۇق. بىز ھەر دائىم خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ قىلىشقا داۋام قىلىمىز».

سىلىۋرى ئىستانبۇلغا قاراشلىق بىر ناھىيە بولۇپ، 2015-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار جايلىشىشقا باشلىغان. سىلىۋرى ناھىيەسىنىڭ سېلىمپاشا مەھەللىسىدە بىر ئۇيغۇر مەكتىپى بار بولۇپ، 50 ئائىلە ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار يەنە ئىستانبۇلدىكى زەيتۇنبۇرنۇ، سافاكۆي قاتارلىق جايلاردىمۇ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاش سىياسىتى باشلانغاندا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بەزىلىرىنىڭ ئەرلىرى ياكى ئاياللىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان. نەتىجىدە، ئىستانبۇلدا خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بالىلار ئاتىسىز ياكى ئانىسىز، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسى يوق ئەھۋاللار شەكىللەنگەنىدى. سىلىۋرى ناھىيەسى مانا شۇ بالىلاردىن ھال سورىغان.