پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا: «تۈركىيەنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.01.31
turkiye-parlament-ertoghrul-qaya-1024 تۈركىيەنىڭ «يېڭى يول» ئىتتىپاقىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا (سول) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خاتىرە بويۇمىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 17-دېكابىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ «سائادەت»، «دەۋا» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسى يېڭى قۇرغان «يېڭى يول» ئىتتىپاقىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا قارشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بېسىم سىياسىتى ئاخىرى زور تىراگېدىيەگە ئايلاندى. ئۇلارنى خىتايدەك بولۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. بۇ خىتاينىڭ ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. مەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا، ئومۇمىي يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىغا خىلاپ ھالدا، زۇلۇم ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن سىستېمىلىق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ ۋەھىمىلىك بولغىنى خىتاي بۇلارنى ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كىيدۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015-يىلىغىچە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ھەتتا2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەندىن كېيىن خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەر ۋاقىت غەززە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئانچە تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي نىيەت بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىمىز. بىز بۇنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن داۋاملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن ياكى ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ياقتىن باش چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتىمىز بۇندىن كېيىنمۇ ئىگە چىقىمىز.»

تۈركىيە «يېڭى يول» ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيە 8 مىليون ئەتراپىدا كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپى سۈرىيەدىكى بېسىمدىن قېچىپ كەلگەن مەزلۇملاردۇر. دۇنيادا زۇلۇم ۋە بېسىم كۆرۈۋاتقان خەلقلەرنىڭ كۆپى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بۇ مەزلۇملار دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە بار. شۇڭا بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن، بولۇپمۇ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا تىرىشىمىز. »

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە كانادا، فىرانسىيە، چېخىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنداقلا لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىشى تۈركىيەدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانىدى. لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «يېڭى يول» ئىتتىپاقىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارار ماقۇللانسا بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ سىمۋولى بولىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈش ۋە پاكىت توپلاش ئارقىلىق، 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىزچە بۇ قارار ناھايىتى مۇھىم. بىز بۇ قارارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى ئېتىراپ قىلغان بىر قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشىمىز.»

 ئادۋۇكات سىياسەتچى ئەرتۇغرۇل قايا 1976-يىلى تۈركىيەنىڭ گازىئانتېپ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1997-يىلى ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، 2001-يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار ياچېيكىسىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى «دەۋا» پارتىيەسىنىڭ گازىئانتەپ شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان. ئەرتۇغرۇل قايا 2023-يىلىدىكى سايلامدا «دەۋا» پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت يەنە كۆپ قېتىم مەتبۇئات يىغىنى چاقىرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇلارنى 17-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەندە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.