فەھراتتىن كوجانىڭ خىتاي ھەققىدىكى باياناتى سىياسىي سەتچىلىك دەپ قارالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.05.08
فەھراتتىن كوجانىڭ خىتاي ھەققىدىكى باياناتى سىياسىي سەتچىلىك دەپ قارالماقتا تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنا توغرىلىق بايانات ئېلان قىلماقتا. 2021-يىلى 5-ماي.
Social Media

ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانىدى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر بەزى «سەزگۈر مەسىلىلەر» تۈپەيلىدىن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

5-ماي كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا ۋاكسىنا ۋە ۋاكسىنا تەمىنلەش جەريانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ‹خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنا قەيەردە؟› دەپ سورىغانلار، تۈنۈگۈن خىتاي بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى تاتىلاش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. غەلىبە قازاندى دەپ ئېيتالمايمەن، بىراق زەخىملەندۈرگەنلىكى ئېنىق».

مەزكۇر بايانات مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا. تونۇلغان ژۇرنالىست مۇرات يىلتىز ئەپەندىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئەسلىدە بىر ئېتىراپ قىلىشتۇر. بۇ تۈركىيەنىڭ ۋابا جەريانىنى ياخشى كونترول قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى تاشقى سىياسەتتە غايىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە نامىزىدىن كىيىن بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سەھىيە سىستېمىسى ۋە ۋاباغا قارشى كۈرەشتىكى رولىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى تەرىپلىمەكتە. 2021-يىلى 7-ماي، ئەنقەرە،

سۇ، زىرائەتلەر ۋە دورا قاتارلىق ئەشيالارنىڭ ۋابا جەريانىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇلار خىتاينىڭ بۇ شەكىلدە بىسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى. شۇڭا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. تۈركىيە ۋاكسىنا تەمىنلەشتە بىر دۆلەتكە بېقىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. خىتايغا ئوخشاش ھەر ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر دۆلەتكە بەل باغلىماسلىقى كېرەك ئىدى».

مەزكۇر بايانات ئېلان قىلغاندىن كىيىن تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى فەھراتتىن كوجانىڭ مەزكۇر باياناتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

سەھىيە مىنىستىرى تىلغا ئالغان «سەزگۈر مەسىلىلەر» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى جامائەت پىكىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، داۋا پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن تونۇلغان ئادۋوكات مەھمەت ئەمىن ئەكمەن ئەپەندىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«ئەپەندىمنىڭ ‹سەزگۈر مەسىلە›دېگىنى بىر قانچە دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا قىرغىنچىلىق دەپ تونۇلغان، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلىمىدۇر».

بايانات ئېلان قىلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كىيىن ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مارال ئاكشەنەر خانىم فەھراتتىن كوجانى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللار، مۇسۇلمان تۈركلەر باسقۇنچىلىققا ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ».

ئەردوغان ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ۋاكسىنىنىڭ دەل ۋاقتىدا يىتىپ كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، تونۇلغان ژۇرنالىست ئۈمىد كاراجا ئەپەندىم تىۋىتتىردا سەھىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ گەپنىڭ تۈركچىسى: خىتاي بىلەن شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بەدىلىگە ۋاكسىنا كېلىشىمنامىسى تۈزگەن ئىدۇق. ئۆكتىچىلەر شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، پۈتۈن پىلانلىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى».

ئىيى پارتىيەسى باياناتچىسى سەركان ئۆزخان تىۋىتتىردا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«مىنىستىر مەسىلىنى خاتا چۈشىنىپتۇ. مەسىلە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەمەس، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدۇر. بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاينى ماختاپ، ئۇيغۇرلارنى ساقچىلار بىلەن قوغلىغىنىڭلار قارىغاندا ئىشقا يارىماپتۇ».

«قارار گېزىتى» «سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا ۋاكسىنا كېچىكىشىنىڭ تالونىنى شەرقى تۈركىستانغا كەستى» نامىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە سەھىيە مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرماي ۋاكسىنىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكىگە «سەزگۈر مەسىلە» سۈپىتىدە «شەرقى تۈركىستان» مەسىلىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى يازغان.

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر باياناتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتاينىڭ تۈركىيەدە داۋاملىق ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ مەيلى ۋاكسىنا تەمىنلەش مەيلى مەبلەغ تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن خىتايغا نەقەدەر باغلىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى. ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسى».

5-مارت مەرال ئاكشەنەر ۋە مەنسۇر ياۋاشنىڭ بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى سەۋەبلىك خىتاي ئەلچىخانىسى تەھدىت ئارىلاش بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كرىزىس سەۋەبلىك خىتاي باش ئەلچىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن ئىختىلاپنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسەتكەن قاتتىق ئىنكاسى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان بۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا.

داۋا پارتىيەسىدىن تونۇلغان سىياسەتچى مۇستافا يەنەرئوغلى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيەگە ھەددىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە نېمىشقا توختالمايسىلەر؟»

كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن چېكىنىشى ۋە مەغلۇبىيىتىنىڭ بارغانسېرى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بېقىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى دەپ قارىماقتا. زىيارىتىمىز داۋامىدا ژۇرنالىست مۇرات يىلتىز ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە غەرب بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرگە بەل باغلايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىىس ئەردوغاننىڭ ‹ئىستانبۇل قانىلى›غا ئوخشاش خىيالىي بىر لايىھەسى بار. مەزكۇر لايىھىگە خىتايدىن مەبلەغ تېپىش ئويى بار. بۇ مۇناسىۋەت ھۆكۈمەت ئۈچۈن مۇھىم. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت بىر دۆلەتكە باغلىنىپ قىلىشى چوڭ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارماقتا».

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر باياناتنىڭ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.